خېشۈن تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى، روگېرس خولدېنىس شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جىم روگېرس مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئىقتىسادى كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە چېكىنىش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. روگېرىس بىلۇمبېرىگ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى بىر يىلدا چېكىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ %100 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: ئالدىنقى قېتىم ئامېرىكا ئىقتىسادىدا چېكىنىش كۆرۈلگىنىگە يەتتە يىل بولدى، ئوخشاش تارىخى شارائىت ئاستىدا، بىز ھەر 4~7 يىلدا بىر قېتىم ئىقتىسادى چېكىنىشنى باشتىن كەچۈرىمىز، مەيلى قايسى سەۋەبتىن شۇنداق بولسۇن، ئىلگىرى ئىزچىل مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ ھەر 4~7 يىلدا چوقۇم بىر قېتىم ئىقتىسادى چېكىنىش يۈز بېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما نۆۋەتتىكى قەرز ئەھۋالى كىشىنى چۆچىتىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ناۋادا مەبلەغ سالغۇچىلار نەزىرىنى ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاغدۇرىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەۋرىنىش ئىچىدە چېكىنىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىزنالارنى بايقىغان بولاتتى. ناۋادا پۈتكۈل يەر شارىدىكى ھەر قايسى بازارلار ۋەيران بولسا، ناۋادا بىز بۇ خىل ئەھۋالنى راستىنلا يۈز بەردى دەپ قىياس قىلساق، ئۇ ۋاقىتتا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دوللاردىمۇ كۆپۈك شەكىللىنىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved