تىڭشۈن تورى تېخنىكا قانىلى: 2050-يىلى بىزگە نىسبەتەن ئانچە يىراق ئەمەس، نۆۋەتتە كەلگۈسىشۇناس ئىئان پېئارسون مۇنداق دەپ كۆرسىتىپ ئۆتتى: 2050-يىلى ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ يېڭى بىر خىل تۈر-Homo optimus گە ئايلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ، يەنى ئىنسانلار بىلەن كومپىيوتېر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى جەملىگەن بولىدۇ.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسى 35 يىلدا ئىنسانىيەت بىلەن كومپىيوتېر سىستېمىسى بىرلەشتۈرىلىدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان سېزىپ بىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ھازىرلىنىدۇ، ھەتتا ئەقلىي ئىقتىدار دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئېلكترونلۇق ئالتۇن تېرە ۋە ھۈجەيرە ئارىسىدىكى مىكرو كۆچۈرمە ئۈسكۈنە ئىنسانلار بىلەن سىرتتىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىۋاستە ئۇلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۈسىدىكى ئىنسانلار يەنە مۇسكۇللارنى «كىيەلەيدۇ».
ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكىسىنىڭ توختىماستىن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدىكى Homo optimus ئىنسانلارنىڭ ئورنىنى باسىدۇ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، بۇ ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ ئوخشاشمىغان دەۋرلىرى (سولدىن ئوڭغا): جەنۇب قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنلىرى، ئۆرە ماڭىدىغان ئادەمسىمان مايمۇنلار، ئۆرە ماڭىدىغان ئادەملەر، ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ئادەملەر.
ئىئان پېئارسون دوكتور يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىپ ئۆتتى: 40 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر «سىفىرلاشتۇرۇلغان مەڭگۈ ھاياتلىق» ئېلىپ بېرىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى كومپىيوتېر سىستېمىسىغا «يوللاپ» قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىزىئولوگىيەلىك ئۆلسىمۇ، ئەمما روھىي ھېس-تۇيغۇسىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدىكى ئىنسانلار ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىۋاستە ئۇلىنىش ئېلىپ بارالايدىغان بولۇپ، چىشىمىزنى كلونلىيالايمىز، ئىنسانلارنىڭ گىنىنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئەرمەك ھايۋانلارنى شالغۇتلاشتۇرۇپ، يېڭى تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، ئىنسانلارنىڭ «مەڭگۈ ھاياتلىق» ھەققىدىكى قىياسلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلانغانىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved