Mozilla شىركىتى Firefox OS سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدى

      بۇلتۇر يىل ئاخىرى، Mozilla شىركىتى Firefox OS سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، كەسپى ساھەدىكىلەر Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش گردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى قىياس قىلغان.

بىراق كەينىدىنلا، ئىسپانىيەدىكى Hipertextual ناملىق بىر تېخنىكا بىلوگىدا Mozilla نىڭ Firefox OS سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن تاختا كومپيۇتېر مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئۇچۇردا تاختا كومپيۇتېردىن باشقا، Firefox OS سىستېمىسىنى يەنە تېلېۋىزور قۇتىسى، روتېر ۋە Firefox Pi نامىدىكى كۇنۇپكا تاختىلىق كومپيۇتېر (a keyboard computer) قاتارلىق باشقا تۈردىكى ئۈسكۈنىلەرگىمۇ ئىشلەتمەكچى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

       Mozilla تەرەپمۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن. Mozilla نىڭ قانۇن ۋە سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى Denelle Dixon-Thayer توردا ئاشكارىلانغان ماتىرىيال شىركەتتىكى بىر نەپەر پروگراممېرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئۇقۇم خاراكتېرلىك ئەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

«بىزنىڭ Mozilla دىكى خىزمىتىمىز سىر تۇتۇلمايدۇ، بىز ھىلىھەم يېڭى مەھسۇلات ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە پىلانلاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، بىز ئىنتېرنېتقا ئۇلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەر دۇنياسىدىن Firefox OS گە ماس كېلىدىغان يېڭى يۆنىلىش ئىزدەۋاتىمىز، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى ئوچۇق كودلۇق تۈر ئارقىلىق كۆپچىلىككە سۇنىمىز.»

      بۇ ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، Mozilla نىڭ Firefox OS دىن ۋاز كېچىش خىيالى يوقتەك قىلىدۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن چىققىنى، يىقىندا بۇ شىركەت ئەپ ئاچقۇچىلارغا يوللىغان بىر تۈرلۈك ئېلخەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 2.6 نەشىرىدىن كىيىن، Firefox OS نىڭ يانفون نۇسخىسىنى داۋاملىق ئېچىشنى توختىتىدىكەن. ئېلخەتتە يەنە Mozilla نىڭ يېڭى مەھسۇلاتنى سىناق قىلىشنى باشلىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئەمما بۇنىڭ يېڭى تۈردىكى مەھسۇلاتنى Firefox OS نىڭ يانفون نۇسخىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

      Mozilla نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يانفون نۇسخىسىدىكى Firefox OS سىستېمىسىنى قوللاش مۇلازىمىتىنى بۇ يىل 5-ئايغىچە داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئارقىدىن بۇنىڭغا مەسئۇل تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى باشقا تۈرگە قوشۇۋېتىدىكەن.

Mozilla نىڭ بۇ قارارى نۇرغۇنلىغان Firefox OS مەستانىلىرى ۋە ئەپ ئاچقۇچىلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغان. ئۇنداقتا، Mozilla نېمە ئۈچۈن Firefox OS دىن ۋاز كەچمەكچى بولۇپ قالدى؟ Mozilla بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندە مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ ئادەم ۋە مالىيە كۈچىنى باشقا تۈردىكى ئىنتېرنېت ۋە تورغا ئۇلىنالايدىغان مەھسۇلات ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن.»



خەتكۈچلەر:
05-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
05-02-2016
         ماكلارېن يېقىندا P1 GTR نىڭ سېخىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بارلىق ياساپ بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى رەتلىك تىزىلغان. بۇ ماكلارېن يېڭى قۇرغان ئالاھىدە بۆلۈم.      ...
Powered by Leglek