دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 15-دېكابىر يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىك ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلدى. يېمەكلىك دورا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت كارخانىلىرى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى جازالاپ، يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىكىگە زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىك ئىناۋەت سىستېما قۇرۇلۇشى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدىكەن:
(1) 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى كارخانا ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇر ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، ئىناۋەت ئۇچۇرى شىفىر ئىسكىلاتى قۇرۇش خىزمىتى باشلىنىپ، ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىش.
(2) 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىكى ئىناۋەت ئۇچۇرى شىفىر ئىسكىلاتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، يېمەكلىك دورا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش.
(3) 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە دۆلەتلىك ، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىكى ئىناۋەتلىك ئۇچۇرى شىفىر ئىسكىلاتىنى قۇرۇپ، يېمەكلىك دورا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت كارخانىلىرى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىناۋىتىنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى دەسلەپكى قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت بىرلىككە باشقۇرۇش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved