جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
چەتئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دائىرىلىرى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئويلىشىپ، ئىستانبۇلدىكى ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك كۇلۇبنىڭ بىر مەيدان مۇھىم پۇتبول مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى جاكارلىغان.
شۇ جاي ۋاقتى 19-مارت ئىستانبۇلدىكى مەلۇم مال سېتىۋېلىش رايونىدا ئۆزىنى پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۈركىيە دائىرىلىرى ئاتالمىش «شام ئىسلام دۆلىتى» مەزكۇر ئىشقا مەسئۇل بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
ئىستانبۇل ھۆكۈمىتى ئىشخانىسدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، «ئىشەنچىلىك ئاخباراتنى مۆلچەرلىگەن»دىن كېيىن، گالاتاساراي بىلەن فەنەرباغچە كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلغان.
شۇ چاغدا، توپ مەستانىلىرى گالاتاساراي كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىغا كەينى-كەينىدىن كېلىشكە باشلىغان. مۇسابىقىنىڭ بىكار قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، توپ مەستانىلىرى نارازى بولغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىستانبۇل دائىرىلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنى ئىزچىل نورمال تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا مۇراجىئەت قىلغان.
شۇ جاي ۋاقتى 20-مارت تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ جاكارلىشىچە، ئىستانبۇلدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى گۇمانلىق ئادەم ئۆزتۈرك ئىسىملىك بىرى بولۇپ، 1992-يىل تۇغۇلغان، يەنە بەش ئادەم تەكشۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يەنە تۈركىيەدىكى يەتتە ئۆلكىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قايتا تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇلتۇر 7-ئايدىن بۇيان تۈركىيەدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
بۇ يىل 1-ئايدا، ئىستانبۇلدا ئۆزىنى پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 12 نەپەر گېرمانىيەلىك ساياھەتچى قازا قىلغان.
2015-يىل 10-ئايدا، «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئەنقەرە ۋوگزالىنىڭ سىرتىدا ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش دېلوسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، جەمئىي 100دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved