جۇڭگو خەۋەر تورى 20 – دېكابىر تېلېگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، چەتئەل تارتقۇلىرىنىڭ 20 – چىسلا خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI ) نىڭ ئەيىبلىشىچە چاۋشيەن بۇ قېتىمقى سونىي تورىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى باش پىلانلىغۇچى ئىكەن . ئوباما بۇ ئىشقا ۋەدە قىلىپ ئامېرىكا بۇ ئىشقا چوقۇم بىر پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ دېدى .
ئوبامانىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە سونىي كىنوچىلىقى تالاش تارتىش چىقارغان كومېدىيىلىك فىلىم ‹زىيارەت › نىڭ " بىر خاتالىق" ئۆتكۈزۈپ چاۋشيەن ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدارى جىنجىڭئېن مۇناسىۋەتلىك ھېكايىنى قاتقانلىقى ، شۇ سەۋەبتىن بۇ فىلىمنى تارقىتىشنى رەت قىلدى .
12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، چاۋشيەن چۈنكى فىلىم ‹ زىيارەت › سەۋەبىدىن سونىي كىنوچىلىغا توردىن ھۇجۇم قىلىپ تەھدىت سالغان .
قارا مېھماننىڭ تەھدىتى ئاستىدا ، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى چوڭ كىنوخانا بۇ ‹ زىيارەت › فىلىمنى قويۇشنى رەت قىلغان . سونىي بۇ قېتىمقى تارقىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى .
بۇنىڭدىن بۇرۇن قارا مىھمانلار سۇنىيى شىركىتىنىڭ كومپيۇتېردىكى بەزى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىۋەتكەن . يەنە سونىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن . سونىي كېيىن بۇ فىلىم ‹ زىيارەت › نى تارقىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان .
ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى چوس . ئېنىس نىڭ ئېيتىشچە ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ھەر كۈنى سونىي تورىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرغانلىقىنى مەسلىھەت قىلىۋاتىدۇ . ھەم بۇنىڭغا مۇۋاپىق بولغان جاۋاپنى قايتۇرماقچى .
چاۋشيەن ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئاينىڭ بېشىدا بايانات ئېلان قىلىپ ، سونىى شىركىتىگە توردىن ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان . چاۋشيەن ئاگېنتلىقى بۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئەسى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى . چاۋشيەن بىلەن قارا مېھمانلارنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق . بۇ باياناتچىسى يەنە بىلدۈرۈشىچە ، سونىي شىركىتى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە تۇتقان سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر پارچە تېررورىلىق فىلىمى ئىشلىگەن . چاۋشيەننىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدارىنى ھۆرمىتىنى چۈشۈرگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved