پايتەخت ئايرودرومىدا بىر ۋاراق قەغەزنى نۇسخىلاش ھەققى 10 يۈەن

       يېقىندا مەلۇم شەھەر ئاھالىسى پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومىدا مەلۇم ھۆججەتنى نۇسخلىغاندا، ھەربىر ۋارىقى ئۈچۈن 10 يۈەن ھەق ئالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان، بۇ ئالىي مەكتەپتىكى نۇسخىلاش ھەققىنىڭ 100 ھەسسىگە باراۋەر ئىكەن. مۇخبىر نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ ئىككى يېرىدە نۇسخىلاش ئورنى بارلىقىنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ A4 قەغىزىنىڭ بىر ۋارىقىنىڭ 10 يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. نۇسخىلاش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئايرودروم بىردەك بېكىتكەنىكەن. ئايرودرومنىڭ تېلېفوندا پاش قىلىش مۇلازىمەتچىسىنىڭ دېيىشىچە، نۇسخىلاش ئورنى ئىجارىگە بېرىلگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدىكەن.

      شەھەر ئاھالىسى ياڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن كېيىن بەشلەر ئەتراپىدا، ئۇ پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومى 3-ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسى بېيجىڭ ساياھەتچىلىك مەسلىھەت سوراش مەركىزىدە ئىككى ۋاراق ھۆججەتنى نۇسخىلىغاندا، 20 يۈەن ھەق ئالغان، بۇ مەكتەپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ 100 ھەسسىسىگە باراۋەر ئىكەن. ياڭ خانىم مۇنداق دېدى: «مەن تېخى ھەقسىز ئوخشايدۇ دەپ نۇسخىلاپ بولۇپلا ماڭماقچى بولۇپ تۇرسام، خىزمەتچى خادىم بىر ۋارىقىغا 10 يۈەندىن ئىككى ۋاراققا 20 يۈەن تاپشۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتى. ئەينى ۋاقىتتا جىددىي بىجىرىدىغان ئىشىم بولغاچقا، پۇلنى تۆلىۋەتتىم. ئىشىمنى تۈگىتىپ ئۇلاردىن پۇل تاپشۇرۋالغانلىق ھۆججىتى ئالغىلى بارسام، ئۇلار بۇ يەردە ھۆججەت نۇسخىلىغانلىقىمنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالدى ھەمدە پۇل ئالغانلىق ھۆججىتى بەرمىدى. مەن نۇسخىلىغان ماتېرىيال ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا بار».

    پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ 3-ئاۋىياتسىيە پونكىتىنىڭ ئىككى يېرىدە نۇسخىلاش ئورنى بولۇپ، مۇخبىر تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن 2-قەۋەتكە جايلاشقان بېيجىڭ ساياھەتچىلىك مەسلىھەت سوراش مەركىزىدە A4 قەغەزدىكى ئىككى ۋاراق ماتېرىيالنى نۇسخىلىغاندا، قارشى تەرەپ 20 يۈەن ھەق ئالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنى ئايرودروم بىردەك بېكىتكەن باھا ئىكەن. قارشى تەرەپ تەمىنلىگەن پۇل تاپشۇرۋالغانلىق ھۆججىتىدىكى پۇل تاپشۇرۋالغۇچى ئورۇن «بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومى ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى» بولۇپ، ھۆججەتكە بۇ ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلغانىكەن.

يەنە بىر نۇسخىلاش ئورنى 4-قەۋەتتىكى سودا مەركىزىدە بولۇپ، سودا مەركىزىنىڭ تاختىسىغا بۇ ئورۇننىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنىڭ « نۇسخىلاش، كۆپەيتىش، فاكىس، رەسىمگە تارتىش» نىڭ ئىكەنلىكى يېزىلغانىكەن. سودا مەركىزىدىكى خىزمەت خادىملارنىڭ دېيىشىچە، نۇسخىلاش ھەققى بىر ۋارىقى 10 يۈەن ئىكەن. باھا جەدۋىلىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق يېزىلغانىكەن:

كۆپەيتىش:  بىر ۋاراق بىر يۈەن

نۇسخىلاش (سىكاننىرلاش): بىر ۋاراق 10 يۈەن

رەسىمگە تارتىش: بىر پارچە 20 يۈەن

فاكىس: بىر ۋاراق 10 يۈەندىن 25 يۈەنگىچە

ئىگىلىنىشىچە، ئايرودروم سىرتىدىكى نۇسخىلاش ئورۇنلىرىدا A4 قەغىزىنىڭ بىر ۋارىقىنىڭ نۇسخىلاش ھەققى بازار باھاسى بويىچە ئىككى مودىن بەش موغىچە ئىكەن. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىدە بولسا تېخىمۇ ئەرزان بولۇپ، بىر ۋارىقى بىر موچەن ئىكەن.

بۇ ئىشقا قارىتا، ئايرودروم تېلېفون مۇلازىمەتچىسىنىڭ دېيىشىچە، ساياھەت مەسلىھەت بېرىش مەركىزى ۋە سودا مەركىزى سىرتقا ئىجارىگە بېرىلگەن بولۇپ، باشقىلارغا ھۆددىگە بەرگەنگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. نورمال ئەھۋالدا نۇسخىلاش ھەققىنى ئۇلار ئۆزلىرى بېكىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئىشنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
26-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
     شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئاۋسترالىيە «ئالتۇن دېڭىز بويى ئاخباراتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەگە ساياھەتكە بارىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ،  جۇڭگول...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، ئەنگلىيە جەنۇبىي ئامپتون. «دېڭىزدىكى تىنچلىق» ناملىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت پاراخوتى ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جەنۇبىي ئامپتون پورتىغا يېتىپ كەلدى. 22-ماي، بۇ پاراخوت جەنۇبىي ئامپتوندىن يولغا چىقىپ، تۇنجى ...
17-05-2016
سودا مىنىستىرلىكى بۈگۈن دائىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ 2016- يىلى 4- ئايدىكى سودا ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يىغىندا جۇڭگو سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى چېن دەنياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 4- ئايد...
17-05-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىر قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: جۇڭگودىكى تۆت چوڭ تاش كېمىرنىڭ بىرى، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولغان قىزىل مىڭئۆي نۆۋەتتە «شىنجاڭلىقلارنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»ىدىكى...
17-05-2016
بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى «ك گ ب رېستۇرانى» قايتىدىن ئېچىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، ئاراگۋى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئالىي رېستۇران ك گ ب ئالاھىدە خ...
17-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى، يېقىندا شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئىشلەنگەن «مېنىڭ بايرىقىم» ناملىق فىلىم شەرەپ بىلەن 6-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى مىللەتلەر فىلىمى كۆرگەزمىسىدە «ئالتۇن شەمشاد مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، مە...
17-05-2016
16-ماي كەچتە خۇنەننىڭ شياڭشىغا جايلاشقان سۇمرۇغ قەدىمىي شەھىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان توجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ھەرخىل رەڭدە چىراغ نۇرلىرى جۇلالىنىپ، قەدىمىي شەھەرگە ئۆزگىچە تۈس ئاتا قىلدى.
17-05-2016
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، سونام كاپور گانا كىنو بايرىمى قىزىل گىلىمىدە ھەممىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. بۇ 30 ياشلىق چولپان L'OREAL گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى سۈپىتىدە كىنو بايرىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ  Ralph & Russoنىڭ مۇراسىم كىيى...
16-05-2016
15-ماي «جۇڭگو ئارزۇسى . يىپەك يولى مۇھەببىتى» شىنجاڭ رەسساملار يۇرتى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆگەزمىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلاندى.   بۇ قېتىملىق ئەسەرلەر جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، باسما رەسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچ...
16-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، فرانسىيەنىڭ ساينت نازايرې، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت پاراخوتى بولغان «دېڭىزدىكى تىنچلىق» ناملىق پاراخوت كېمە ياساش زاۋۇتىدىن ئايرىلىپ، كېلەر ئايدىكى تۇنجى قېتىملىق سەپىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە...
Powered by Leglek