قاتتىق پوستلۇق مېۋە. قاتتىق پوستلۇق مېۋە تەركىبىدە مەزى بېزىگە پايدىلىق سېلېن بار. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى يەپ بەرسە، مەزى بېزى ياللۇغى خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
چېچەكسەي. چېچەكسەي تەركىبىدە راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، بۇ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
يېشىل چاي. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، يېشىل چاي تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرغۇچى رېئاكتىپلار بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن، ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىپ بەرگەندە، مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەنلەيدىكەن.
ئانار. ئانار تەركىبىدىكى ماددىلار مەزى بېزىدىكى راك ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved