ئەنگىلىيە ‹‹ شەھەر كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 2- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيەدىكى بىر چىش مايمۇن باشقا يەرگە ئېلىپ كېتىلگەن ‹‹ ئاشىقى ›› نى ئىزدەش ئۈچۈن ، ھايۋاناتلار باغچىسىدىن قېچىپ كەتكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بېللا ئىسىملىك بۇ سېلېبىس قارا تاجىلىق ماككا (مايمۇنلارنىڭ بىر خىل تۈرى ) ‹‹ ئاشىقى ›› مالىنونىڭ يېرسېي ئارىلىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئېلىپ لگەنلىكىدىن قاتتىق ئازابلانغان ، ھىجران ئازابىغا چىدىمىغان بېللا ئاشىقىنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن قېچىپ كېتىشنى ‹‹پىلانلىغان›› . بېللا نەچچە قېچىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن ، باغچا خادىملىرى ئۇنىڭ قەپىسىنى ئېلېكترونلۇق رېشاتكىغا ئالماشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئەقىللىق بېللا نەملەشكەن ئوت-چۆپلەر ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق رېشاتكىنىڭ چەكلەش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ يەنە قېچىپ كەتكەن .
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، بېللا يەنىلا ‹‹ ئاشىقى ›› مالىنو بىلەن دىدارلىشىشقا ئامالسىز قالغان ، باغچا خادىملىرى بېللانى قاچقان يېرىدىن تۇتۇپ قايتۇرۇپ كەلگەن ھەمدە ئۇنى نىيتىدىن ياندۈرۈش ئۈچۈن كاتو ئىسىملىك يېڭى بىر ئەركەك مايمۇننى تېپىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ قويغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved