‏نوكىيانىڭ ( NOKIA ) تارىخى

كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلارنىڭ قولدىكى ئاشۇ رەڭسىز ياكى رەڭلىك سەرەڭگە ئىكران يانفۇنلارنى ھە دىسە تالىشىپ ئارام بەرمەيتتىم ھىچقانداق مەقسەتسىز كۇنۇپكىلىرىنى قالايمىقان بولۇشىغا باساتتىم ئۇراتتىم لىكىن يەنە ئىرادىلىك بىلەن ماڭغا مەيدىسنى كىرىپ تۇرىدىغىنى تۇرغان ئىدى .شۇ بىرنەچچە كىلاسسىك ئويۇنلىرى ئادەم ئۆزىگە تولىمۇ جەلەپ قىلاتتى ، سىگنالى ئالاھىدە كۈچۈك يانفۇن دەل نوكىيا ئىدى.

 

نوكىيا تارىخىنى تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ.

 

 

مايسا دەۋرى

 

 

نوكىيانىڭ تارىخىنى 1865-يىلىدىن باشلاشقا توغرا كىلدۇ.1865-يىلى كان ئىچىش ئىنژىنىرى Fredich Idestam فىلاندىيەنىڭ Tampere بازىردىكى بىر دەريا بويىغا بىر ياغاچ زاۋۇتى قۇرىدۇ.بۇ ياغاچ زاۋۇت فىللاندىيە بىلەن روسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ (1547يىلىدىن 1917-يىلىغىچە روسىيە شۇنداق ئىمپىريە قۇرغان.)چىگرىسىغا جايلاشقان ،زاۋۇت شۇيەردىكى دەرەخلەرنى ماتىرىيال قىلىش ئارقىلىق ياغاچ بوتقىسى ۋە قەغەز تاختا ئىشلەپچىقارغان.

 

1868-يلى Fredich Idestam ئەپەندى Tampereبازىرىدىن 15 كىلومىتىر يىراقدىكى نوكىيا دەرياسى بويىغا ئىككىنچى زاۋۇتىنى قۇرغان.بۇ زاۋۇت مەخسۇس رىزىنكە ،ئۆتۈك،يىلىم قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقارغان.1871-يىلى Fredich Idestam ئەپەندى دوستى Leo Mechelin نىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئىككى زاۋۇتنى بىرلەشتۈرۈپ پاي ھەسسەدارلىق چەكلىك شىركىتنى قۇرغان.ھەم بۇ شىركەتنىڭ نامىنى نوكىيا قىلىپ تاللىغان،تا ھازىرغىچە شۇنداق ئاتلىپ كەلمەكتە.

 

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا نوكىيا شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى Fredich Idestam ئەپەندى دوستى Leo Mechelinغا ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.شۇ ۋاقتدىن تارتىپ ئاستا-ئاستا سىمسىز ئېلېكتىر دەۋرىگە قەدەم قويغان.Leo Mechelinئەپەندى شۇنداق قىلىپ شىركەتنىڭ كەسپىنى تېلېگىراف ئىشلىرىغا قارىتىدۇ لىكىن Fredich Idestam ئەپەندىمنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.1902-يىلىغا بارغانداLeo Mechelin ئەپەندىFredich Idestam ئەپەندىنى قايىل قىلىپ ھەم تېلېگىراف كابىل تۈرىنى قۇشۇپ بىر تېلېگىراف تارمىقىنى قۇرىدۇ.مىچىلىن ئەپەندى قۇرغان بۇ تېلگىراف تامىقى كېيىن نوكىيا شىركىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

 

سانائەت دەۋرى

 

 

1967-يىلى نوكىيا دۆلەت (فىللاندىيە) ئىچىگە داڭىلىق چوڭ تىپتىكى سانائەت شىركىتى بولۇپ ئۆزگەرتىلىدۇ ھەم قەغەز ياساش خىمىيە سانائىتى ،يىلىم،كابىل،دورا ياساش،تېلېگراف،تەبئىي گاز ،نىفىت،ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرگە كىڭەيدى.ھەم 1960-يىلى تۇنجى نوكىيا يانفۇننى بازارغا سالدى.

 


1960-يىلى نوكىيا شىركەت باش درېكتورىBjorn Westerlund نەزىرىنى تېلېگىراف كەسپىگە قاراتتى ، ئۇ كەلگۈسىنىڭ يۈنىلىشى تېلگىراف تېخنىكىىسىدا بولىدۇ دەپ قارايتتى. نوكىيا ئېلېكتىر قىسمىنى قۇرىدۇ ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ  نەزىرىنى تېلېگىراف سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىگە قارىتىدۇ.بۇ ئېلېكتىر قىسمى سىمسىز ئېلېكتىر ئۇزۇتۇش مەسىلىسىنى تەجرىبە قىلاتتى بۇ قىسىمنىڭ قۇرۇلىشى نوكىيانىڭ گۇرۇھ بولۇشىغا ئاساس سالىدى.1967-يىلىغا بارغاندا ئېلېكتىر قىسمىدىكى ئادەم 460 گە يىتىدۇ.سېتىش تۈر قىسمى ھەرقايسى گۇرۇھلاردىن 3% يۇقىرى ئىدى.1967-يىلىدىن باشلاپ شۇيەردىكى ئەڭ چوڭ سانائەت زاۋۇتى بولۇپ قالدى،1937-يىلى نوكىيا تۇرۇشلۇق Pohjois-Pirkkala بازارنى نوكىيا بازىرى دەپ ئۆزگەرتكەن 1977-يىلىغا كەلگەندە نوكىيا بازىرى كىڭىيىپ نوكىيا شەھىرى بولۇپ قۇرۇلدى.

 


نوكىيا بازىرنىڭ ئىسمى ئەسلىدە شۇ يەردىكى داڭلىق دەريانىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ  ئەسلىي ئىسمى Nokianvirta بولۇپ قارا بولغۇن دىگەن مەنىدە.

نوكىيا شىركىتىنىڭ ئىشلىتىدىغان خەت شەكىلى بولساAgfa Monotype Nokia Sans،بۇ خەت شەكىلىنى دەسلەپدەEric Spiekermannلاھىيەلىگەن،بىز نوكىيانىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىدا ئۇچۇرتىدىغان مەزمۇنلار دەل مۇشۇ خەت شەكىلدە يېزىلغان.

 

تېلېگراف دەۋرى

 

 

1962-يىلىدىن 1970-يىللىرى نوكىيانىڭ تېلېگراف بازارلىرى دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى تىز كۆپىيىدۇ.1982-يىلى نوكىيا(شۇ ۋاقىتتاMobiraدەيتتى)تۇنجى يانفۇنى شىمالىي ياۋروپا كۆچمە تېلېفونىنى ئىشلەپ چىقاردى.ئسمىنىSenator دەپ قويدى ئەمدى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلساق‹‹كېڭەش پالاتا ئەزاسى››.ھەم شۇنىڭ بىلەن تەڭ نوكىيانىڭ تارماق شىركەتلىرى ئامرىكا كورىيەلەرگە تارقالدى.


1990-يىلى ،يانفۇن ئشلەتكۈچىلەر كۈنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يانفۇنغا بولغان ئىھتىياجىمۇ يۇقىلاپ بارىدۇ.نوكىيا بۇنىڭ بىر بېيىش پەسلى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ تېلېگرافنىڭ كۆلىمىنى كىڭەيتىپ دەسلەپتە ھەممە يەرگە باب بولغان يىڭى بىر ئەۋلاد يانفۇنىنى بازارغا سالدى.1991-يلى فىللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن نوكىياRadiolinja تورىنى يۈرگۈزدى.

 

يانفۇن دەۋرى

 

 

1996-يىلىدىن باشلاپ نوكىيا يانفونى ئۇدا 15يىل دۇنيا يانفۇن سەھنىسىدە بىرىنچىلىك ئورۇندا تەۋرىمەيدۇ.ھەم شۇيىلى SymbianۋەMeeGoئەقلىيفۇنلىرىنى بازاارغا سالدى.2003يىلى نوكىيا 110 يانفۇنى پۈتۈن قىتئە بويىچە2يۈزمىليۇن يانفۇن سېتىپ چىقىرىپ2010-يىلىنىڭ كېيىنكى پەسىلدە نوكىيا كۆچمە سۇپىسى مال چىقىرىشى 4يۈز مىليۇندىن كۆپ بولۇپ يۇقىرى رىكورت ياراتتى.

 

لەگلەك تورى تەرجىمىسى



خەتكۈچلەر:
12-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek