گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-مارت ‹‹خەلق›› سارىيىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2015-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموف سۆھبەت ئۆتكۈزدى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 27-مارت تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-مارت ‹‹خەلق›› سارىيىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2015-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموف سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چوڭ كۆلەمدە ئىشلەپچقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئېلىپ بارماقتا، بۇ جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى تەشەببۇسى بىلەن قازاقىستاننىڭ پارلاق يول پىلانىنى بىرلەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن كەسپىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ.
لى كېچياڭ ئىككى دۆلەت سىياسىتىنى بىرىكتۈرۈپ، باج، ئۆلچەم، ئەمگەك كۈچلىرى، ۋىزا بېجىرىش، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ يەنە، جۇڭگو تەرەپنىڭ قازاقىستان بىلەن تۆمۈر يول، يادرو ئېنىرگىيەسى، ئېنېرگىيە، يېزا-ئىگىلىك قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆھبەتتىن كېيىن، لى كېچياڭ مەسىموف بىلەن جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ئەسلەتمىسى، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ پولات تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، تەكشى ئەينەك، نېفىت چەككىلەش، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئاپتوموبىل قاتارلىق كەڭ دائىرىدىكى ساھەلەردىكى كەسپىي ھەمكارلىققا ئالاقىدار 33 ھۆججەتنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، بۇ تۈرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 23 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved