بەلكىم سىزمۇ بەزىدە خىزمىتىڭىزنى جاپالىق، چارچاشلىق ھېس قىلىشىڭىز، ئۆزگىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك، ئەركىن-ئازادە، يۇقىرى كىرىملىك خىزمىتىگە ھەۋەس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر خىزمەت، كەسىپنىڭ جاپاسى بولىدۇ. ھەممە ئادەم خىزمەت جەريانىدا ئۇنداق بۇنداق كۆڭۈلسىزلىك، مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىڭىزنى ۋەزىپە تاماملاش، يوقلىمىدىن ئۆتۈش، ئىدارىغا كېلىپ ۋاقىت توشتۇرۇپ قايتىش دەپ ئويلىماستىن تۇرمۇشىڭىزنى مەنىگە ئىگە قىلىدىغان پائالىيەت، ئۆز ئىش ھەرىكەتلىرىڭىزنى تەرتىپكە سېلىپ ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى، مەۋجۇتلۇقىڭىزنى نامايان قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا خىزمەت كەيپىياتىڭىزدا چوقۇم ياخشىلىنىش بولىدۇ. مانا قاراڭ بۇلار مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىدىكى ئاۋانگارت ياشلار. ئۇلارنىڭ خىزمەتكە مېڭىش جەريانىدىكى شادىمانلىقى، كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتى، يۇمۇرىستىك ھېسسىياتى بەلكىم سىزگىمۇ خۇشال كەيپىيات ئاتا قىلىشى مۇمكىن. بارلىق دوستلارنىڭ 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! خوشاللىق دائىم سىزگە ھەمراھ بولسۇن!
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved