ئامېرىكا TNWتور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىلغار تەتقىقات تۈرى ئىدارىسى بۈگۈن (21-يانۋار) بىر تۈرنى جاكارلىغان بولۇپ، ئادەم مېڭىسى بىلەن كومپيۇتېرنى بىۋاسىتە سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدىغان كىرگۈزگىلى بولىدىغان نېرۋا ئۈسكۈنىسى تەتقىق قىلماقچى بولغان.
بۇ خىل كىرگۈزگىلى بولىدىغان نېرۋا ئۈسكۈنىسى پەقەت چاقماق قەن چوڭلۇقىدا بولۇپ، ئىككىلىك سىستېما كودىدىن پايدىلىنىپ ئادەم مېڭىسى بىلەن كومپيۇتېر ئارىسىدىكى تېز ئالاقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن.
بۇ تۈرنىڭ نامى «نېرۋا قۇرۇلۇشى سىستېما لايىھەسى» (NESD) بولۇپ، نېرۋا تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن ھەمدە ئاڭلاش سېزىمى ياكى كۆرۈش سېزىمى كەمتۈكلىكىنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ يېڭى ئىلغار داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەن. NESDتۈرى بۈگۈنكى ئەڭ ئىلغار 4Kتېلېۋىزورنىڭ پەرق ئېتىشچانلىقى ئاڭلاش سېزىمى ياكى كۆرۈش سېزىمى ئۇچۇرىنى ئادەم مېڭىسىگە يەتكۈزۈشىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن.
NESDتۈرىنىڭ دېرىكتورى فىلىپ ئالۋېلدا (Phillip Alvelda) بىلدۈرۈپ:«نۆۋەتتە ئەل ئىلغار ئادەم ۋە ماشىنا ئالاقە ئالماشتۇرىدىغان سىستېما ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپۇتېرنىڭ 300 بودلۇق مودېلياتۇرنى ئىشلىتىپ ئۆزئارا ئالاقە قىلغىنىغا ئوخشاش. بىز بۇ قوراللارنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەم مېڭىسى ۋە ھازىرقى ئېلېكترون ئەسلىھەسى ئارىسىدىكى يولنى ھەقىقىي ئاچقاندا، ئۇنىڭ قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىڭ» دېدى.
بۇ خىل تېخنىكنىڭ كەلگۈسىدە قوللىنىش بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ، كەلگۈسى ئېھتىمال بىز ھەرقانداق ئېلېكترون ئەسلىھەسىنى ئىشلەتمەيلا گۇگول ئىزدەش ماتورى، يول باشلاش مۇلازىمىتى ياكى ئالاقە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلىشىمىز مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved