‹‹كەي كەي›› بىلەن ‹‹شىن شىن›› (2011-يىل 4-فېۋرال تارتىلغان سۈرەت)
جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 19-دېكابىر ئاۋمېندا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، مەركەزنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا بىر جۈپ مۈشۈكئېيىق ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-يىل دېكابىر ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقاندا، مەركەز ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا بىر جۈپ مۈشۈكئېيىق سوۋغا قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى. 2010-يىل 18-دېكابىر ئىككى ياشقا تولغان بىر جۈپ مۈشۈكئېيىق ‹‹كەي كەي›› بىلەن ‹‹شىن شىن›› سىچۈەندىكى مۈشۈكئېيىق بازىسىدىن ئايرىلىپ ئاۋمېنغا كەلتۈرۈلدى.
بۇ يىل 22-ئىيۇن ‹‹شىن شىن›› كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى سۈي شىئەن ‹‹شىن شىن ›› نىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقى، ھەمدە مەركەزنىڭ يەنە بىر قېتىم مۈشۈكئېيىق ھەدىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved