«ۋەي ساقچى ئىدارىسىما؟ ئەستاغپۇرۇللا شەيتان، ئاپلا دەيمەن، ۋاي قانداق سۈرەتنى چىقىرىپ قويدۇڭلار ھوي! ئادەمنى مۇشۇنداقمۇ جىلە قىلغان بارمۇ دەيمەندە!»
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئادەتتە جىنايەتچىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلسا، تېلېۋىزور، تور، گېزىت قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ جىنايەتچىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە باش بەتكە چىقىرىدۇ، بۇنداق جىنايەتچىلەرنىڭ ئىككى خىل تاللىشى بار، بىرىنچىسى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، ئىككىنچىسى، داۋاملىق قېچىپ يۈرۈش.
بىراق ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى لىما شەھىرى (Lima City) دە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر جىنايەتچى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر ئىش قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ئوت قويۇش ۋە ئاممىۋى بۇيۇملارغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ئەمما ئۇ يوشۇرنىۋالمايلا قالماي يەنە تېخى تورغا چىقىپ ساقچىلار بىلەن «ئازادە ئولتۇرۇپ» پاراڭلاشقان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ساقچىلار تاراتقۇلارغا بەرگەن سۈرىتىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك كېلىشكەن ئەمەسلىكىنى بايقىغان ۋە ساقچىلاردىن تېخىمۇ كېلىشكەنرەك سۈرەتكە ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۆز سۈرىتىنىڭ ياخشى چىقمىغانلىقىدىن نارازى بولغان بۇ جىنايەتچى دەرھال ئالاقە تورى Facebook قا چىقىپ، لىما شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئۆزى ناھايىتى رازى بولىدىغان، كېلىشكەن بىر پارچە سۈرىتىنى يوللاپ بەرگەن ۋە مۇنداق يېزىپ قويغان:«بۇ سۈرەت تېخىمۇ كېلىشكەن، سىلەر چىقارغىنى بەكلا سەتكەن ئەمەسمۇ.»
ئويلىمىغان يەردىن لىما شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ جىنايەتچىگە «ماسلىشىپ» سۈرەتنى ئالماشتۇرغان ۋە مۇنداق يازغان:«بۇ سۈرەتنى پۇئىگ (Puig) ئەپەندى ئۆزى بىزگە بەردى. ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئۇ راستىنلا بەك قىزغىن ئىكەن. بىراق ئۇ ئۆزى ساقچى ئىدارىمىزغا كېلىپ ئۆزى ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەر توغرىسىدا پاراڭلىشىدىغان بولسا، بىز تېخىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتۇق».
پۇئىگ يەنە تېخى ساقچىلارنىڭ ئۆزىگە «ياخشى مۇئامىلە» قىلمىغانلىقى توغرىسىدا دەردىنى تۆكۈۋېلىش ئۈچۈن، ئاتايىتەن لىما شەھىرىدىكى «The Eagle» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تېلېۋىزىيە پروگىراممىسىغا قاتناقان. ئۇ پىروگىراممىدا مۇنداق دېگەن:«ساقچىلار مېنى ئەخمەق قىلدى، ئۇلار تۇتۇش بۇيرۇقىغا چىقارغان ھېلىقى سۈرەت خۇددى "تەلۋە مۈشۈك" كە ئوخشاش ئىكەن».
تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر جىنايەتچىنىڭ قاپ يۈرەكلىك بىلەن تېلېۋىزىيە پروگىراممىسىغا قاتنىشىشى ساقچى ئىدارىسىنى ئاچچىقتىن ئۆلتۈرۈپ قوياي دېدى. لىما شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى:«پۇئىگ ئۆزىگە ئۆزى بالا تېرىۋاتىدۇ، ئۇ ئۆزىنى بىلمىگەنسىرى تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا دىقەت قىلىدۇ. بىزمۇ ئۇنى تېپىشقا شۇنچە يېقىنلىشىمىز. بىز ھازىرمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ۋىجدانى قايناپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved