بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .پۇقراۋى كاپىتال كىچىكلىكتىن زورايدى ،ئىقتىسادىي قۇرۇلما بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا يۈزلەندى .يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى .
شەندۇڭنىڭ رىجاۋ شەھىرىدىكى بىر پورتتا ھەر سائەتتە چۈشۈرۈلۈپ قاچىلىنىدىغان مال ئون مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ . بۇ پورتقا سېلىنغان يەتتە مىليارد يۈەننى بىر پۇقراۋى كارخانا چىقارغان .دېمەك پۇقرالار مەبلەغ سېلىشقا ئومۇميۈزلۈك قاتناشقاچقا بازارلار جانلاندى . پورتلار قويۇۋېتىلدى ،پۇقراۋى ساھە قاتنىشىدىغان كاپىتال بارغانسېرى كېڭەيدى ،جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى بارغانسېرى كۈچەيدى .
1978-يىلى جۇڭگودىكى يەككە تىجارەتچىلەر يۈز مىڭغا بارمايتتى ،2014-يىلى بۇ سان 47 مىليون 500مىڭغا يېتىپ ،1978-يىلىدىكىدىن بەش يۈز ھەسسە ئېشىپ كەتتى ،پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 60%GDPسى 70%كە يېتىپ ،80%ئىش ئورنى پۇقرالار كارخانىسىدىن كەلگەن بولدى .ئەل ئارا سېلىنما بازار ئىگىلىكىدىكى ئەڭ سەزگۈر سېلىنما ،بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەل ئارىسىدكى سېلىنما پۈتۈن مەملىكەت مۇقىم مۈلكى سېلىنمىىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 65.1%نى ئىگىلىدى .مۇلازىمەت كەسپى بىلەن يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى . دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بۇلۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە بازار رىقابىتىنىڭ تۈرتكىسىدە زور بىر تۈركۈم يېڭى مەھسۇلات يېڭى تېخنىكىلار بارلىققا كەلدى .
ھازىر شېنجېندىكى بىر زاۋۇتتا دۇنيادىكى ئەڭ نىپىز يۇمشاق ئېكران ئىشلەپچىقىرلىۋاتىدۇ.ھەر بىر پارچە ئېكراننىڭ قېلىنلىقى ئاران 0.01 مىللىمېتىر بۇلۇپ ،قەغەزدىن نېپىز بولۇپلا قالماستىن ،ئېكراننى يەنە خالىغانچە سۇزۇپ قىسقارتقىلى ۋە ئەگكىلى بولىدۇ. 65يىلدا جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق دېھقان شەھەرگە ئىشلىگىلى كىردى ،2014-يىلى ئېلىمىزدە شەھەرلەشتۈرۈش نىسبىتى 53.7% تىن ئېشىپ يېرىمدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق شەھەرلەردە ياشاۋاتىدۇ .
ھازىر جۇڭگودا سېكۇنتىغا بىر پۇقراۋى كارخانا مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ ،ھەر سىكونىتتا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلىغى 900مىڭ يۈەندىن ئېشىۋاتىدۇ . ھەر سېكۇنتىغا ئون مىليون مۇلازىمەت كارخانىسى 400مىليون يۈەن GDPيارىتىۋاتىدۇ .مۇلازىمىتى كۈنسىرى ئەلالىشىۋاتقان جۇڭگو غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved