«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي قۇراللىق تەشكىلاتىنىڭ تېزدىن زورىيىشىغا ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكىلىق ئىككى مۇخبىرنىڭ كاللىسىنى ئېلىشتەك رەزىل ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
قىسقىغىنا يېرىم ئاي ئىچىدە، ئامېرىكىلىق ئىككى مۇخبىر ئارقا-ئارقىدىن ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تېررورچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ كالىسىنى ئىلىش جەريانى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق جامائەتكە كۆرسىتىلگەندىن كىيىن، ئامېرىكىنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانى چۆچۈتتى.يۈزەكى جەھەتتە، تېررورچى تەشكىلات بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىراقتا باشلىغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەقىقى نىيىتى ۋە مەقسىتى بۇنىڭدىن خىلىلا ئېشىپ كەتتى.
1. ۋەھشىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق قورقۇنۇش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىش.
2. ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى ۋە سەۋرى تاقىتىنى سىناق بېقىش.
3.باشقا دۆلەتلەرگە ئامېرىكىنىڭ قۇراللىق زەربە بېرىشگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندا ئۇدا سۆز قىلىپ، غەرب ئەللىرىنى چۆچۈتىدىغان ئىشلارنى ئارقا-ئارقىدىن قىلىمىز، دېدى.
چۈنكى ئامېرىكا بىلەن غەرب ئەللىرىگە زەربە بېرىش كۈچى قانچە زورايسا، چاقىرىشچانلىقى بارغانسېرى كۈچىيىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ.بۇنىڭغا باش ئېگىش كېرەكمۇ ياكى قايتۇرما زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەكمۇ ؟.
تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئاشكارا ھەرىكىتىگە قارىتا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2-سېنتەبىر ئىراققا تەخمىنەن 350 ئەسكەرنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكىرى سانىنى 1300 دىن كۆپرەك كىشىگە يەتكۈزۈشنى تەستىقلىدى. بىراق، ئامېرىكا، بۇ ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا يولغا قويغان ھاۋادىن زەربە بېرىشنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ئوباما 2008-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە، ئامېرىكىنى بىر مەيدان قىممەت ۋە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان ئۇرۇشتىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. بىراق، بۇنىڭغا ئالتە يىل بولدى، ئىراق ۋەزىيىتىدە ئوبامانىڭ ئارزۇسىدەك تەرەققىياتلار بولمىدى. ئۆتكەن يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىراقتا تېز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپتە تۇرۇپ قاراپ تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈنكى كۈندە، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى ئامېرىكىنى ئىراقتىن ئىبارەت بۇ پاتقاققا قايتىدىن سۆرەپ كىرمەكتە.
ئىراق ئۇرۇشدىن ئىبارەت بۇ پاتقاققا قايتىدىن پېتىپ قالغانلىقىغا قارىتا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پسىخىكىلىق ھالىتى مۇرەككەپلىشىپ، مەيدانى ئېنىق بولماي، ئىككى قىيىنچىلىق ھالىتىگە كېرىپ قالدى. «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى چېگرىدىن ھالقىغان تېررورچى تەشكىلاتقا ئايلاندى، ئامېرىكا ئۇنى تازىلىماقچى بولسا، نەزەرىيە جەھەتتىن سۇرىيە باشار ھۆكۈمىتىنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە زەربە بېرىش كېرەك، بىراق ئامېرىكا باشارغا قىيىنچىلىقدىن قۇتۇلۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشنى خالىمايدۇ، ئوخشاشلا، ئامېرىكا ئەگەر ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە، يەنە پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاساسلىق ئېقىمىدىكىلەر يېقىندا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئامېرىكا بىلەن غەربتىكى باشقا دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلمىدى، دەپ ھېسابلىدى. بىراق بۇ خىلدىكى قاراشنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىشى بىر گۇمانى سوئال بولماقتا. دىنى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا بىرەر دۆلەت مۇستەقىل قارشى تۇرالىغىنى يوق.ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نۆۋەتتە 8 مىڭدىن 10 مىڭغىچە ئادىمى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە يۈز كىشى غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن ئىكەن.
ئەگەر بۇ كىشىلەر ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىدىغان بولسا، غەرب ئەللىرى ئېغىر تەھدىتكە يولۇقىدىكەن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدىكەن.2003-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى كىچىك بۇش ئىراققا ئۇرۇش قوزغاپ، ئىراقتا بۈگۈنكىدەك قالايمىقان ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشدىكى ئاساسلىق سەۋەبچى بولدى. گەرچە ئوباما تەختكە چىققاندىن كىيىن ئىراقتىكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قىلىشتىن ساقلىنىش يولىدا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئىراق تېررورلۇقنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم جايىغا ئايلاندى.
«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تېز زورىيىپ، رايون ۋە دۇنياغا غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلدى. ئامېرىكا بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتقا ھەقىقى تۈردە زەربە بېرىش مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved