قان تومۇرغا ھاۋا كىرىپ كەتسە قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ھاۋانىڭ كىرگەن ئورنى ۋە مىقدارىغا قاراش كېرەك. قان تومۇرغا كىرگەن ھاۋا بەلگىلىك بېسىم ئاستىدا تارىيىپ، يۆتكىلىشچان ھاۋا تۈۋرۈكى ھاسىل قىلىدۇ، ئەگەر ھاۋانىڭ مىقدارى ئاز بولسا، مەسىلەن: بىر مىللىلىتىردىن تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا قول دۈمبىسىدىكى ۋېنا تومۇرى ئارقىلىق قان تومۇرغا كىرگەن ھاۋا يۈرەكتىن راۋان ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، ئاندىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدىن ئۆتۈش جەريانىدا ھۈجەيرە يوچۇقلىرى ئارقىلىق قان تومۇردىن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر ھاۋا تۈۋرۈكى يۈرەكنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيەسىگە كىرىپ قالسا، قان تومۇرلارنىڭ خالىغان بىر تارمىقىدىكى ئىنتايىن ئۇششاق ھاۋا تۈۋرۈكلىرىمۇ يۈرەك سانجىقى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى سەۋەبلىك ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر قان تومۇرغا كىرگەن ھاۋانىڭ مىقدارى كۆپ بولسا، كۆپ مىقداردىكى ھاۋا يۈرەككە بېرىپ، يۈرەك تارايغان چاغدا بېسىم ئېشىپ ھاۋا تارىيىدۇ، يۈرەك بوشىغان چاغدا بېسىم تۆۋەنلەپ ھاۋا كېڭىيىپ ئەسلىگە قايتىدۇ، بۇ يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمسىز بولىدىغانلىقىدىن، يەنى يۈرەك قىسقان چاغدا قىسىلىش سەۋەبىدىن ئاقىدىغان قاننىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يۈرەكنىڭ سوقمىغانلىقى بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved