ئالما شىركىتى ھىندىستاندا iPhone 5S نىڭ سېتىلىش باھاسىنى % 43 تەڭشىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا رىقابەتچىسى سامسۇڭغا تاقابىل تۇرۇش. ھىندىستان يەر شارى بويىچە ئايفونلارنىڭ سېتىلىش باھاسى ئەڭ قىممەت دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھىندىستاندا چىقىدىغان «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، iPhone 5S نىڭ ھىندىستاندىكى سېتىلىش باھاسى تۆۋەنلەپ 24999 رۇبلى(370 دوللار)غا چۈشكەن، 9-ئايدىكى چاغدا سېتىلىش باھاسى 44500 رۇبلى(665 دوللار)دىن يۇقىرى ئىدى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە iPhone 5S نىڭ باھاسى %43 تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكىدا iPhone 5S نىڭ سېتىلىشى باھاسى بولسا 450 دوللار.
ئۆتكەن ئۈچ ئاي ئىچىدە iPhone 5S نىڭ ھىندىستاندىكى باھاسى ئۇدا ئۈچ قېتىم تۆۋەنلىگەن.
ئالما شىركىتى ھىندىستاندا تېخى پارچە سېتىش دۇكىنى ئاچمىغان بولۇپ، باھاسى تۆۋەنلىتىپ ساتقىنى ئالما شىركىتى ھوقۇق بەرگەن تور سودا سۇپىسى Flipkart ۋە Infibeam دىن ئىبارەت. iPhone 5S بولسا ھىندىستاندىكى بازىرى ئىتتىك ئايفون تىپلىرىدىن بولۇپ، سېتىلغان ئايفونلارنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئالما شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى بازار ئۈلۈشى ئاران %1 گە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئايفونلارنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ قىممەت بولغانلىقىدا. سېتىلىش باھاسى 100 دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ھىندىستان يانفون بازىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى بىر مالىيە يىلىدا ئالما شىركىتى ھىندىستاندا 1 مىليون 700 مىڭ دانە ئايفوننى سېتىپ چىقارغان بولۇپ، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئالما شىركىتى يۇقىرى باھالىق يانفوننى ساتقان بولغاچقا ئۇنىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئۆرلەتكىلى بولمايدىكەن، بۇ قېتىم باھا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، iPhone 5S ئوتتۇرا ھال يانفونلار قاتارىغا تىزىلىشى يەنى، 250-400 دوللار ئارىسىدىكى يانفونلار قاتارىغا تىزىلىشى مۇمكىن. ھىندىستان بازىرىدا ئالما شىركىتى سامسۇڭ بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان بولۇپ، سامسۇڭنىڭ ھىندىستان بازىرىدىكى ئۈلۈشى %23.2 گە يېتىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved