چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسەبىي تەشكىلات ـــ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› دىكىلەر شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئىيۇل ئېلان قىلغان دەپ گۇمانلانغان بىر قىسىم سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، قوراللىق ئۇنسۇرلار سۇرىيەنىڭ پالمىرا قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چېقىۋەتكەن.
سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالتە ھەيكەل بولقا قاتارلىقلار بىلەن چېقىۋېتىلگەن، ئەتراپنى بىر توپ كىشىلەر قورشىۋالغان.
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› تەشكىلاتىدىكىلەر مۇنداق دېگەن: بۇ ھەيكەللەر بىر ئەتكەسچىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بوكېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ھەمدە بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سېتىپ مەبلەغ توپلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved