رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىلگىرىكى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىرانغا ‹‹300–S›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى. رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
رۇسىيە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق چاغدا ئىرانغا قورال سېتىپ بېرىدۇ؟
بىرىنچى، ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولدى. ئۇزاققا سوزۇلغان جاپالىق سۆھبەتتىن كېيىن، ئىران مۇناسىۋەتلىك ئالتە دۆلەت بىلەن 4 – ئاينىڭ بېشىدا ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا رامكا خاراكتېرلىك لايىھە ھاسىل قىلىپ، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاخىرقى قېتىم ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئاساس سالدى.
ئىككىنچى، بۇ قارار رۇسىيەنىڭ سودا مەنپەئەتى ۋە ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق. رۇسىيە ئىران بىلەن 2007 – يىلى ‹‹300–S›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىش توختامى ئىمزالىغان، لېكىن، مال تاپشۇرمىغان. 2010 – يىلى 9 – ئايدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىران رۇسىيەدىن 4 مىليارد دوللارلىق توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تەلەپ قىلغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، رۇسىيە ئىرانغا قورال سېتىپ بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئاساسلىقى سودا مەنپەئەتى ۋە ئىناۋىتىنى ئويلاشقان.
ئۈچىنچى، رۇسىيە بۇ قارار ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق، دەپ قارىدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 13 – ئاپرېل مۇنداق دېدى: ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى مۇداپىئە خاراكتېرلىك قورال، رۇسىيە ئىرانغا سېتىپ بېرىدىغان قوراللار ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت سالمايدۇ.
بۇ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئىلگىرىلەشكە ۋە رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
رۇسىيە مۇنداق قارىدى: ئىرانغا ‹‹300–S›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق. ئىران خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، جازانى بىكار قىلىشى كېرەك، دېگەن گېپىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى. رۇسىيەنىڭ بۇ قارارى ئىراننىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدۇ ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن ئىران يادرو مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، رۇسىيە مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىم ئىرانغا ‹‹300–S›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتىگە ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى، موگېرىنىنىڭ باياناتچىسى كاترېنا راي مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ بۇ قىلمىشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ، لېكىن، بۇ ئىران يادرو سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىمايدۇ.
بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپمۇ؟
رۇسىيە مۇنداق قارىدى: ‹‹300–S›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى مۇداپىئە قورالى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2010 – يىلى 6 – ئايدىكى 1929 – نومۇرلۇق قارارىدا، ئىرانغا ھۇجۇم خاراكتېرلىك زامانىۋى قوراللارنى سېتىش چەكلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ئىرانغا ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ب د ت نىڭ قارارىغا خىلاپ ئەمەس.
ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى مارى خاف مۇنداق دېدى: ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ھازىر ئىرانغا ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىدىغان ۋاقتى ئەمەس، دەپ قارىسىمۇ، رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپ ئەمەس.
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved