چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى

    چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى، چاۋشيەن ئالىي خەلق يىغىنىنىڭ ۋەكىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىم ياڭگۇەن 29-دېكابىر سائەت 6:15 لەردە قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن 73 يېشىدا قازا قىلغان. چاۋشيەندە 31 –دېكابىر كىم ياڭگۇەن ئۈچۈن دۆلەتلىك دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن دۆلەتلىك دەپنە كومىتېتىنىڭ باشلىقلىلىغا تەيىنلەنگەن.   خەۋەردە دېيىلىشىچە، كىم ياڭگۇەن كىم ئېرسېن بىلەن كىم جۇڭئىلنىڭ ساداقەتمەن ئىنقىلابىي جەڭچىسى بولۇپ، كىم جۇڭئۇننىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، ئەڭ ئىشەنچلىك ئىنقىلابىي يولداش ئىكەن. كىم ياڭگۇەن بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، چاۋشيەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشقان. كىم ياڭگۇەننىڭ قازا قىلىشى چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى ۋە خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ.

     كىم ياڭگۇەن 1942-يىلى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىم ئېرسېن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن. 1997-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2007-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2010-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا، قوشۇمچە بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي ئىدارىسىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 2015-يىلى 2-ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي ئىدارىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. كىم ياڭگۇەن چاۋشيەندىكى ئالىي شەرەپ ئوردېنى ‹‹كىم ئېرسېن ئوردېنى›› ۋە ‹‹كىم جۇڭئىل ئوردېنى››غا ئېرىشكەن.



خەتكۈچلەر:
30-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek