ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ‹‹ لاتىنچە مودا ناخشا خانىشى ›› ۋە ‹‹ ئىسپانىيە تېلېۋىزىيە فىلىم خانىشى ›› دەپ نام ئالغان مېكسىكىلىق ناخشىچى تالىئا يېقىندا بىر يۈرۈش سۈرىتىنى توردا ئاشكارلىغان ، سۈرەتتە تالىئا تاتلىققىنا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغان بولۇپ ، ئالدىدا ئىككى تال قوۋۇرغا سېلىنغان ئەينەك قۇتا بار ئىدى .
بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن تالىئا نەچچە يىلدىن بۇيان تېخىمۇ زىلۋا بەلگە ئېرىشىش ئۈچۈن قوۋۇرغىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتىسيەسى قىلدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى توردا نەچچە قېتىم ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، ھەرىكەتكە كەلمىگەن . بۇ قېتىم ئۇنىڭ بۇ سۈرەتنى ئاشكارلىشى ئۆزى گېپىگە ئەمەل قىلغانلىقىمۇ ياكى تورداشلارغا قىلغان چاقچىقىمۇ ، بۇنىسى تېخى نامەلۇم .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved