تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىستانبۇل 30- دېكابر قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قارنى كۈتىۋالدى، ئەمما بۇ قارنىڭ كۈچىيىپ شىۋىرغانغا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، 170 تىن ئارتۇن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئىستانبۇلدىن ئۇچۇشى ۋە ئىستانبۇلغا قونۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئىستانبۇلدا ياغقان قار 31- دېكابر شىۋىرغانغا ئۆزگىرىدىكەن. تۈركىيە ئاۋىئاتىسيە شىركىتى ئۇلارنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئىستانبۇلدىكى ئاتا تۈرۈك ئايرودرومى، سەبىھەدىكى گېكچىن ئايرودرومىدا بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. تۈركىيە تۇلپار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىمۇ دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان 29 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىستانبۇل ئۆلكە باشلىقى ئىشخانىسى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى زۆرۈر ئېھتىياج بولمىسا سىرتقا چىقماسلىققا، سىرتقا چىققاندا ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرۇپ، شەخسىي ئاپتوموبىل ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved