ماتېرىيال سۈرەت
جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تارىم دەرياسى تارماق ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 350 توننا ئاۋىياتسىيە كىرسىنى 19-سېنتەبىر كورلا ۋە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا توشۇلدى ، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كىرسىنى ئىشلەپچىقىرالماسلىق تارىخىغا رەسمىي خاتىمە بېرىلدى .
كورلا ، ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن ، كۇچا ئايرودۇرۇملىرى ئاۋىياتسىيە كىرسىنىنى كۆپ يىللاردىن بېرى ئۈرۈمچى ئايرىش زاۋۇتىدىن توشۇپ ئىشلەتكەچكە ، مۇساپە يىراق ، توشۇش تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى تەرەققىياتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىنىپ قالغان ئىدى . ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى ئايرىش زاۋۇتىدىن بىر توننا ئاۋىياتسىيە كىرسىنىنى كۇچاغا توشۇش ئۈچۈن 500 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم كېتىدىكەن .
تۇنجى قېتىملىق تارقىتىش مۇراسىمىدا چوڭ تىپتىكى ماي توشۇش ئاپتوموبىللىرى 350 توننا ئاۋىياتسىيە كىرسىنىنى ئېلىپ كۇچا ۋە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا يول ئالدى . جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى شىركىتى تارىم دەرياسى تارماق ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن شۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ھازىرچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملارغا ئاۋىياتسىيە كىرسىنى تاشيولدا توشۇلىدىغان بولۇپ ، كېيىن پويىزدا توشۇلىدىكەن .
چېن شۈەننىڭ ئېيتىشىچە 350 توننا كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە كىرسىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى تارىم دەرياسى ئاۋىياتسىيە كىرسىنى ئايرىش زاۋۇتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ رەسمىي بازارغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تارىم دەرياسى تارماق ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يىلىغا 300 مىڭ توننا ئاۋىياتسىيە كىرسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان .
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved