باش شتابى لوندوندا تەسىس قىلىنغان سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 13-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئوتتۇرا قىسىم بىلەن شىمالىي قىسىمدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بازىسىغا 40 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يېقىندا بازا تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى شۆبىسى بولغان قوللاش فرونتى قاتارلىق ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتتى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئۇلارنى سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇندىن قوغلاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە مۇنداق دېدى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى چېگرا شەھرى بولغان كېبانىنىڭ جەنۇبىدا، كورد قوراللىق كۈچلىرى 13-ئۆكتەبىر ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىگە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ ئىككى بازىسىنى قايتۇرۇۋالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved