گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەدەنىيەت مىنىسىتىرلىكى تەييارلىغان دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاممىۋىي كۈتۈپخانىلار قانۇنى (تەستىقلىتىش كوپىيەسى)» گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان.
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرىچە 437 مىڭ 200 ئادەمگە بىر ئاممىۋىي كۈتۈپخانا توغرا كېلىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇشتەك ئورنى بىلەن ماسلاشمايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر تەرەپلەرنى ئىئانە قىلىش، كۈتۈپخانا قۇرۇشىقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى قانۇندا پۇقرالار، قانۇنىي ۋەكىل ياكى باشقا تەشكىلاتلار قۇرغان ئاممىۋىي كۈتۈپخانىلار قانۇن بويىچە ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى، نامىنى ئاممىۋىي كۈتۈپخانىنىڭ نامى قىلىش، ياكى ئاممىۋىي كۈتۈپخانا بىناسى ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىنىڭ نامى قىلىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئاممىۋىي كۈتۈپخانا يەنە قانۇن بويىچە ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى، نامى بىلەن ھۆججەت ماتېرىياللار ئۇچۇر بايلىقى مەخسۇس ساقلانمىسى ياكى مەخسۇس تېما پائالىيىتىگە نام بېرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىۋىي كۈتۈپخانا قۇرغان پۇقرالار، قانۇنىي ۋەكىللەر ۋە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئاممىۋىي كۈتۈپخانىنىڭ نورمال يۈرۈشۈش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، دۆلەت مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ۋە باشقا يۆلەش سىياسىتى قوللىنىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved