بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، غەززا كىرىزىسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتنى ياخشىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاستە سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ۋۇ سىكې 12-ئىيۇل ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىۋاتقانلىقى، ئۆلۈم يېتىمنىڭ ئېغىر بولىۋاتقانلىقىدىن ئېچىنىدۇ ۋە ئەندىشە قىلىدۇ، جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئۆلۈم يېتىم بولۇشتىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، دېدى.
ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ توقۇنۇشىنىڭ ئەدەپكېتىشى تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە جىددىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved