جاھان ئاگېنتلىقى 4-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەندە زور دەرىجىدە كېڭىيۋاتقان شىئە ھۇسى ھەرىكىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ قۇرقلۇق ھەرىكتىگە ئۆتكەن ياكى ئۆتمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس بىر ئەھۋالدا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئايرۇپىلانلىرى ئەدەندىكى ھۇسىيلەرگە قارشىلىق بىلدۈرىۋاتقان پرېىزىدېنت مەنسۇر ھادىينىڭ تەرەپدارلىرىغا ھاۋادىن قورال ياردىمى بەردى.
سەئۇدى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ پاراشوت ئارقىلىق قورال-ياراغ ئالاقە ئۈسكىنىلىرى، ۋە تانكا ئاتار قاتارلىق جەڭ ئەسلىھەلىرىنى تاشلاپ بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى. ھادى قوللىغۇچىلرىنىڭ ئاخىرقى قەلئەسى بولغان ئەدەن رايۇنى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە ھۇسى قۇراللىقلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان بولۇپ، ھۇسى قۇراللىقلىرى ئالدىنقى كۈنى ئەدەننىڭ مەركىزى بازىرى كەرىتەرنى كونترول قىلىۋالغان ۋە قاتتىق تۇقۇنۇش نەتىجىسىدە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ھادى قوللىغۇچىلىرى جەڭدە ئولجا ئالغان بىر تانكا بىلەن شەھەرگە غەلبە سىگنالى بەردى. ھۇسىيلەرنىڭ يەمەندىكى كېڭىيىشى بىلەن بىرلىكتە جانلانغان ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ يەمەن تارمىقى يەمەننىڭ شەرقىدىكى مۇكەللا شەھىرىدىكى مۇھىم بىر ھەربىي بازىنى كونترول قىلىۋالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved