WWEشىتاتلار چېمپىيونى دېئەن ئەمبروس يېقىندا مايكول كولنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى، تۆۋەندىكىلەر زىيارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
كول ئەمبېروستىن شىتاتلار چېمپىيونلۇقىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا مەنىسىنى سورىدى.
ئەمبروس مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بۇ مېنىڭ بارلىقىم، 16 يېشمىدا سەھنىگە چىققىنىمغا بۈگۈن قايتۇرغان جاۋاب. ئۇ بۇ بەلباغنى ئىلگىرى ئالغانلار ھەققىدە توختۇتۇلۇپ، بۇ بەلباغنى ئىلگىرى رەندى ساۋاگې، برەت خارت، كۇرت خېننىڭ قاتارلىقلار كۆتۈرگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۆگنىش ئۈلگىلىرىم دېدى.
دېئەن ئەمبروس ئۆزىنىڭ كېچە-كۈندۈز جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئاندىن بۇ بەلباغنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئەگەر بىر گۇرۇپ ئۆزىگە ئوخشاش كېچە – كۈندۈز جاپالىق مەشىق قىلىدىغان ماھىرلار بولمىغان بولسا WWEئاللاقاچان ئارقىدا قالغان بولاتتى دېدى. چۈنكى ئىلگىرى بۇ بەلباغنى كۆتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. كولنىڭ قارىشىچە بۇ (كەمەر) كەيۋن ئوۋېنسقا تەۋە ئىكەن، بۇنى دېئەېن ئەمبروس چۈشەندۈرۈپ، شىتاتلار چېمپىيونلۇقى ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ماھىرغا مەنسۇپ، ھەم ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى قولىغا ئالىدىغانلىقىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كول ئارقىدىن يەنە رومەن رېيگنسنىڭ WWE دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە توختالغاندا، دېئەن ئەمبروس مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
ئۇ رومەن، ئۇنىڭ ئائىلىسى (جەمەتى) ھەم مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ زور ۋاقتى. ئۇ رومەن بىلەن شۇنچە كۆپ ۋاقىت بىللە كۆرەش قىلغاندىن كېيىن، ئوخشاشلا چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
كول يەنە 2015 – يىللىق ئامېرىكا چېلىشىش مۇكاپاتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشىش مۇمكىنچىنلىكى بار نامزات ھەققىدە توختالدى، ئەمبروس ئۆزى ۋە رېيگنسنىڭ ئوخشاشلا مەستانىلەرنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەگەر ئوخشاش ئېرىشەلىسەك، ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئاندىن كول يەنە، قايتىدىن كەيۋن ئوۋېنسنى تىلغا ئالدى، بۇنىڭغا ئەمبروس سەل خاپا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى، ئوۋېنس ھەمىشە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەگەر ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا شىتاتلار چېمپىيونلۇقىنى تالاشماقچى بولسا، چاتاق يوق، ئەگەر ئۇ يەنە ئوغىرلىقچە ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، مەنمۇ ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ قويدۇم.
![]() |
ئامىر خان بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.
...
|
![]() |
1-ماي كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، لېكىن بۇ كۈنى قىسمەن ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايرام ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved