ۋاڭيى پەن تېخنىكىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئالما خەۋەرلەر تورى 9to5Mac نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئالما سائىتى ئابونتلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇ سائەتتە ئەڭ كۆپ بولغاندا 2GB مۇزىكا ۋە 75MB رەسىم ساقلىغىلى بولىدىكەن. ھەم iPhone بىلەن ماسلاشتۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا مۇزىكا قويغىلى ۋە رەسىم كۆرگىلى بولىدىكەن. يەنە iOS8.2 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرىدىكى iPhone دا ئالما سائىتى ھەمراھ ئەپ ئارقىلىق ماس قەدەملىك ناخشا قويغىلى بولىدىكەن.
ناخشا مۇزىكا ۋە سۈرەتلەرنىڭ سۈپىتىگە قارىتا 2GB بوشلۇق 200-500 ئەتراپىدا ناخشا ساقلاشقا يېتىدۇ. 75MB بوشلۇق بولسا سىغىمى كىچىكلىتىلگەن سۈرەتلەردىن 100 پارچە ئەتراپىدا ساقلىيالايدۇ. قالغان بوشلۇقلارنىڭ بىر قىسمى بەلكىم ئالما سائىتىنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسىغا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. بىراق ئالما ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى SDK ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئېشىپ قالغان بوشلۇقلارغا ئەپ پىروگراممىسىنىڭ ئىككىلىك سىستىمىدىكى ھۆججەتلەرنى ۋە باشقا مەنبەلەرنى ساقلاشقا بولىدۇ.
بۇ جانۋارنى مەن ياقتۇردۇم، بەزىبىر ئىشلارنى قولايلاشتۇرغۇدەك.
لەگلەك تورى يوللانمىسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved