تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوف شۇ يەرۋاقتى 12-يانۋار مۇسكۋادا، رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن چەك قويۇش تەدبىرى ئۈستىدە تالاش-تارتىش سودىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوف شۇ كۈنى مۇسكۋادا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، لاتۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىكىۋچس بىلەن كۆرۈشتى. راۋلوف كۆرۈشۈشتىن كېيىن ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن باراۋەر ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بۇ ئىشتا قوش ئۆلچەم قوللىنىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
راۋلوف ، رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن چەك قويۇش تەدبىرىنى بىكار قىلىش شەرتى توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.ئۇ ، ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان رۇسىيەگە چەك قويۇش تەدبىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى،ئاخىرىدا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە نەتىجە كېلىپ چىقىدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە سودىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-يىلى مارتتىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنامەسىلىسى سەۋەبلىك رۇسىيەگە قارىتا كۆپ قېتىم چەك قويۇش تەدبىرى قوللاندى.12-سىنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن قەدەمدە چەك قويۇش تەدبىرى قوللىنىپ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا كاپىتال بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved