F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى رولىنى بىلىسىز

كومپىيوتىر كونۇپكا تاختىسىدىكى ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى ئىشلىتىشنى بىلىسىز؟

F1 : ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كىرەك بولسا ، F1 نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1 نى باسسىڭىز Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كېرەك بولسا WinKey+F1 نى باسىمىز.

F2 : ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت تالىغانغان ھالەتتە ، F2 نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

F3 : مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز ، ھۆججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ ، ئوخشاشلا Windows Media Player دا تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قويۇش ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.

F4 : بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IE دىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز Alt+F4 نى باسسىڭىز بولىدۇ.

F5 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق IE دا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

F6 : تىز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IE نىڭ ئادرىس سىتونىغا يۆتكەپ بىرىدۇ.

F7 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىلىرڭىزنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

F8 : كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا ، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. (يۇمشاق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا ياكى قاتتىق دىسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOS قا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ.)

F9 : بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق ، بىراق Windows Media Player دا تىز سۈرئەتتە ناخشا ئاۋازنى پەسەيىتكىلى بولىدۇ.

F10 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . Shift+F10 نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكلىرى چىقىدۇ . Windows Media Player دا ئاۋازنى يۇقۇرلىتىش رولى بار.

F11 : مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IE كۆزنىكىنى پۈتۈن ئىكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

F12 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن Word تا مەزكۇر ھۆججەتنى باشقا ئىسىمدا ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ.



18-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-05-2016
مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گۇگىل ئىزدەش موتورىغا قارىتا ئېلىپ بارغان 7 يىللىق مونوپول قىلىشقا قارشى ت...
17-05-2016
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كوك (ئوتتۇرىدا) بېيجىڭ ۋاڭ فۇجىڭ ئالما پارچە سېتىش دۇكىنىدا، جۇڭگودىكى ئەپ ئاچقۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىغا قاتناشتى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار بىلەن سۆ...
16-05-2016
«شۋېيتسارىيە سودا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرى: دۇنيادىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى يېڭى قۇرۇلغان ئون چوڭ كارخانىنىڭ تارىخى ئۇزاق ئەمەس، بىراق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇ ئون چوڭ كارخانا ئىچىدە ئۈچى جۇڭگو كارخانىسى. 1. «يۇبېر»: ...
16-05-2016
ۋۇخەن شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى خۇاڭ كاڭكاڭ كەشىپ قىلغان سائەت 9-ماي پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇ سائەت باغلاتما (كۆك چىش) ئەندىزىسى ئارقىلىق ئاتا-ئانا بىلەن بالىغا بىردى...
16-05-2016
يېقىنقى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جىڭدوڭنىڭ پاي چېكى باھاسى توختىماي چۈشتى، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر سودا كۈنىدە ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 22.11 دوللارغا چۈشۈپ، مەزكۇر شىركەت پاي چېكىنى بازارغا سالغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رې...
16-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: يەمەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى خۇدارمۇت ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا 15- ماي ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. ھۇجۇمدا كەم دېگەندىمۇ 30 ئادەم قازا قىلغان....
16-05-2016
2015-يىلى شياۋمى ئېكولوگىيەلىك زەنجىرسىمان شىركىتى خۇامى ئەن تېخنىكىسى بىلەن لىنىڭ بىرلەشمىسى ھەمكارلىقىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق «يۈگۈرۈش ئايىغى» نى ئېلان قىلدى، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 199 يۈەن بولۇپ، بازاردىكى ئىنكاسلارمۇ خېلى كۆپ ئىدى، 2016-يىل...
16-05-2016
كورېيە ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورېيەچە «پولات ساۋۇتلۇق پالۋان» كىيگىلى بولىدىغان ھالەتتىكى ماشىنا ئادەم كورېيەدە پەيدا بولغان. نۆۋەتتە شەندەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھى بايرىقى ئاستىدىكى شەندەي كىيا ماشىنىسى، شەندەي Rotem قاتارلىق ي...
16-05-2016
IT ئائىلىسى تورى بۇلتۇر 6-ئايدا كۆپچىلىككە سۇدا لەيلەيدىغان ئەقلىي يانفون Comet گە ئائىت خەۋەرلەرنى سۇنغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يانفون Indiegogo سۇپىسىدا جامائەت مەبلىغى جەلىپ قىلىشنى يېڭىدىن باشلىغان، پىلان بويىچە، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھا...
16-05-2016
نوكىيا يىقىندا Withings نامىدىكى ئىدراكلىق تاقىما ئۈسكۈنە شىركىتىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلاپ، رەقەملىك ساغلاملىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى سىرتقا ئاشكارىلىغان. بىراق، نوكىيانىڭ ئارزۇسى يالغۇز بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايد...
Powered by Leglek