مىسىرنىڭ بىر يەرلىك جىنايى
ئىشلار سوت مەھكىمىسى 24-كۈنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ 528 نەپەر ئەزاسى
ۋە قوللىغۇچىسىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى، ئۇلارنىڭ جىنايىتى بۇلتۇر 8-ئايدا يۈزبەرگەن
بىر قېتىملىق نامايىشتا ساقچى ئىدارىسى بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قېلىش ھەمدە بىر ساقچىنىڭ
ئۆلۈشى بىلەن چىتىشلىق ئىكەن.
مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،
مىسىرنىڭ مىنيا ئۆلكىلىك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى3-ئاينىڭ 22-كۈنى سوت ئېچىپ
بۇ دېلوغا قاراپ چىققان، مۇسۇلمان
قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ 545نەپەر ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىسى بۇلتۇر 8-ئايدا يۈز
بەرگەن بىر قېتىملىق تۇقۇنۇشتا ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى كونترول
قىلغان ھەمدە بىر ساقچىنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ
تۇقۇنۇشتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ئوت قۇيۇپ
كۆيدۈرۈش، ساقىچىلار ئىشلىتىدىغان قۇراللارنى بۇلاش، بىگۇناھ ئاممىغا زەربە بېرىش،
ئاممىۋى تەرتىپكە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان.
سوت مەھكىمىىسى3-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دېلوغا ئەڭ ئاخىرقى
قېتىم قاراپ چىقىپ، 528كىشىگە يۇقىرىدىكى جىنايىتى سەۋەپلىك ئۈلۈم جازاسى
بېرىلگەنلىكى، باشقا 17كىشىنىڭ گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved