ئامېرىكا مونتانا شتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قار كۆچۈپ، بىر ئادەم قازا قىلدى

      ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مونتانا  ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندا، شۇ يەر ۋاقتى 19-چېسلا قار كۆچۈش يۈز بېرىپ، قارلىق جايدا ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئۈچ ئادەم قارغا كۆمۈلۈپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئادەم قۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، يەنە بىر 38 ياشلىق ئەر بەختكە قارشى قازا قىلغان.  خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەرلىك ساقچى باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، قارغا كۆمۈلۈپ قالغان ئۈچ ئادەم ئىچىدە، ئىككى ئادەم ئۆزى قار دۆۋىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان بولۇپ، كېيىن ئۇلار يەنە يەنە بىر ھەمراھىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى تاپالمىغان.

     خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، جەمئىي بەش ئادەم قارلىق ماشىنىسى بىلەن بۇ يەردىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەمنىڭ ماشىنىسى تۇيۇقسىز بۇزۇلۇپ قالغاچقا، يەنە ئىككى ئادەم ماشىنىنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن، بىراق بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز قار كۆچۈپ، ئۇلار قارغا كۆمۈلۈپ قالغان.

     يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەجرىبىلىك قارلىق ماشىنىسى ھەيدىگۈچىلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن بۇيۇملار ئىچىدە، گۈرجەك، بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى ھەمدە قار كۆچۈشكە يولۇققان ۋاقىتتا، سىگنال بېرىدىغان بېئاكون (سىمسىز تېلېگراف يۆنىلىش كۆرسىتىش بەلگىسى) بار ئىكەن. بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالىشىدىكى سەۋەبمۇ شۇ ئىكەن.

     ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مونتانا ئىشتاتلىق دۆلەت ئورمان ۋە قار كۆچكۈنى مەركىزى ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىپ، يېقىندا، تاغلىق رايونلاردا قار ياغقانلىق ۋە بوران چىققانلىق سەۋەبىدىن قار دۆۋىسىنىڭ تۇراقسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئادەم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاسان قار كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بۇ رايونلارغا خالىغانچە بارماسلىقنى ئەسكەرتتى.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
      نوبېل ئىقتىساد پەنلىرى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مىلتون (Milton Friedman) بۇرۇن مۇنداق دېگەن: پۇل پاخاللىقى جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىقتىسادى پائالىيىتىگە چۈشكەن ۋابا. ئەگەر بۇنىڭغا ئىشسىزلىق نىسبىتى قوشۇلىدىغان بولسا بۇ خىل ئەھ...
03-02-2016
       2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، سايباغ مۇھىت تەكشۈرۈش پونكىتى، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 74-ئوتتۇرا مەكتەپ، يۇقىرى يېڭى تەرەققىيات رايونى تۆمۈر يول ئىستانسىسى، شىمىگو راي...
28-01-2016
     يېقىندا ئاز كۆرۈلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تايلاندقا ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ تېمپراتۇرسىنى بارا-بارا تۆۋەنلىتىپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەد...
26-01-2016
    25-يانۋار، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلغان «جوناس» ناملىق قار-شىۋىرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا قارلار دۆۋىلىنىپ قاتناشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
25-01-2016
        تۈنۈگۈن كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، خېنەن ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھىرى لۇڭخەي تۆمۈر يولى ئەتراپىدىكى بىر ئىسكىلاتىغا ئوت كەتكەن. شامال كۈچلۈك بولغاچقا، ئوت ناھايىتى تېز يامرىغان بولۇپ، جېڭجۇ ئوتتىن مۇداپىئەلىنى...
25-01-2016
          دەرىجىدىن تاشقىرى سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىىكى نۇرغۇن جايلاردا تېمپۇراتۇرا تۆۋەنلەش، قار يېغىش، مۇز تۇتۇش، قاتتىق بوران چىقىش قاتارلىق ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، يەر...
22-01-2016
 جۇڭگودا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئامېرىكىغىمۇ «زومىگەر دەرىجىلىك» جۇدۇننىڭ شەپىسى كەلدى. ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش سوغۇق ئېقىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي قۇتۇپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ جەنۇبتا تېرىغان «بالاسى».   ياپو...
22-01-2016
     يېقىندىن بۇيان ھاۋا ھەقىقەتەن ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، مەكتەپكە بېرىش ياكى خىزمەت ئىشى بولمىسا ھەرگىز سىرتقا چىققۇڭىز كەلمەيدۇ. بۇنداق سوغۇق ھاۋادا بىر قىسىم ئامېرىكا كىشىلىرى يەنىلا مۇنداق قىزىقارلىق ئىشلارنى ئۇنت...
21-01-2016
        خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.   20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
21-01-2016
       كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن، خاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 21-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس توختىتىشنى قارا قىلغان.
Powered by Leglek