جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئىتالىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى يېقىنقى 2 كۈننىڭ ئىچىدە تۇنىس قولتۇقىدىكى ھەرىكەتتە 2400 دىن ئارتۇق مۇساپىرنى قۇتقۇزىۋالدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 12 قېتىملىق ھەرىكىتىدە، ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر نەچچە ھەربىي پاراخوتى ۋە بىر دانە نورۋىگىيە پاراخوتى 1467 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغان، ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى 951 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغان. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى ھەرىكەت جەريانىدا يەنە 3 جەسەتنى بايقىغان، قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان.
ئۇقۇشلارغا قارىغاندا، زور كۆلەملىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش خەۋىرى 3-ئاينىڭ 17، 18-كۈنلىرى ئېچىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا تارقالغان بولۇپ، بۇ يىغىندا مۇساپىرلار كىرزىسى ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ كىرزىسنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى قىياس قىلىنماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرا ئورگىنى Frontex نىڭ سىتاستىكىسىغا قارىغاندا، 2015- يىلى جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭ مۇساپىر ياۋروپا قىتئەسىگە يېتىپ كەلگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھازىرقى مۇساپىرلار مەسىلىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى، دېگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاگاھلاندۇرۇش قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسى يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار، دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved