ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدىكى يېشى ئەڭ چوڭ پىل خاناكو بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۆتكەن 66 يىلدا ئۆزى يالغۇز تۆت تەرىپى بېتوندىن تۈزۈلگەن قورۇق تامنىڭ ئىچىدە ياشاپ كەلدى.
خاناكو ئىككى ياش ۋاقتىدا تايلاندتىن ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى Inokashira ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، بېتون قورۇق تامدىن شەكىللەنگەن رېشاتكا ئىچىدە بەدىنىگە ئارغامچا باشلانغان ھالەتتە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ھايۋانلارغا خەيرىلىك مۇئامىلە قىلىش تەشكىلاتى (PETA) نىڭ باياناتچىسى Elisa Allen مۇنداق بىلدۈردى، تەبىئەت دۇنياسىدا چىشى پىللارنىڭ ھەممىسى پىل توپىنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئەمما خاناكو ئۆزى يالغۇز كىچىك ئۆيگە سولاپ قويۇلۇپتۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ خىل پىل كۆرگەزمىسىنى توختىتىپ، خاناكونى پىل قۇتقۇزۇش پونكىتىغا ئاپىرىپ بېرىش كېرەك.
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved