جۇڭگو ئاخبارات تورى 17- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزىنى كورد ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار دەۋالغان « كورد ئەركىن بۈركۈتى » تەشكىلاتى 13- مارت ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئۇلارنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
3- ئاينىڭ 13- كۈنى ئەنقەرە شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان زۇڭلى ئىشخانىسى ئەتراپىدىكى ئادەملە زىچ توپلاشقان بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل ئىككى ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ئارىلىقىدا پارتلىغان. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەدە بىر قوراللىق ئۇنسۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 ئادەم قازا قىلغان، 125 ئادەم يارىلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved