خاككېرلار مۇسابىقىسى: جۇڭگو خاككېرلىرى 11 سىكۇنىتتا گۇگېل Chrome نى بۇزۇۋەتتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كانادا ۋانكوۋېردا ئۆتكۈزۈلگەن  Pwn2Own دۇنيا خاككېرلار مۇسابىقىسىدا، 360Vulcan كوماندىسى 11 سىكۇنىتتىلا بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان گۇگېل تور كۆرگۈچىنى بۇزىۋەتتى ھەمدە سىستېمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇق چېكىگە ئېرىشتى. بۇ جۇڭگو بىخەتەرلىك ئۆمىكىنىڭ Pwn2Own تارىخىدا تۇنجى قېتىم Chrome نى بۇزۇشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، 360Vulcan كوماندىسى يەنە مىكروسوفىت Edge تور كۆرگۈچى ئاساسىدىكى Adobe Flash Player نىمۇ بۇزۇپ، ئوخشاشلا سىستېمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇق چېكىگە ئېرىشتى. ئىككى تۈرنى تاماملاپ كوماندا 132500 دوللار مۇكاپات ۋە 25 نومۇرغا ئېرىشتى.

Chrome گۇگېلنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دۇنياغا داڭلىق «خاككېرلار ئۆمىكى» Google Project Zero دىن سىرت، گۇگېل يەنە نەچچە مىڭلىغان مۇلازىمىتېر ۋە چوڭقۇرلاپ ئېچىش تېخنىكىسى ئارقىلىق Chrome قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يوچۇقلىرىنى تەكشۈرۈپ سىنايدۇ. بۇ تەدبىر Chrome نىڭ يوچۇقىنى سىرتقى ساھەنىڭ بايقاپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى زور نىسبەتتە تۆۋەنلىتىدۇ.

ئوخشاشلا، Chrome يەنە يەرشارىدىكى ۋىندوۋس ئىچكى يادروسىغا ھۇجۇم قىلىش يۈزىنى ئېتىۋېتىدىغان بىردىنبىر قۇم ساندۇقى سىستېمىسىغا ئىگە. قۇم ساندۇقىنى ئېتىۋەتكەندە، ھۇجۇم قىلىش كودى سىرتقى قىسىمدىكى بايلىققا قارىتا قايتا زىيارەت قىلىش ھوقۇق چېكى ھازىرلىمايدۇ. Chrome مۇ شۇ سەۋەبتىن تارىختىكى Pwn2Own مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە خاككېرلار دۇچ كەلگەن ئاخىرقى خىرىسقا ئايلانغان، ئەڭ يېڭى نۇسخا Chrome نىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، Chrome نى بۇزۇش ۋە سىستېمىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش «ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە» دەپ قارالغان.

بۇ قېتىم 360Vulcan كوماندىسى 360 يانفون مۇھاپىزەتچىسى بىلەن بىرلىشىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، تۆت يوچۇققا ھەمكارلىشىپ ھۇجۇم قىلدى، پەقەت 11 سېكۇنىتتىلا يوچۇقنى تېپىپ تاپشۇردى. باھالاش كومېتىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر بۇنى ئىناۋەتلىك دەپ قارىدى.

2015-يىلى، 360 بىخەتەرلىك ئۆمىكى گۇگېل، مىكروسوفىت، ئالما ۋە Adobe ئۈچۈن نەچچە يۈزلىگەن يوچۇقنى تېپىپ، ئاشكارا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ئېرىشكەن، سانلىق مىقدار تەرتىپىدە دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، «شەرقتىكى ئەڭ كۈچلۈك بۆكلۈك قوشۇن» شەرىپىگە ئېرىشكەن. بۇ يوچۇقنى ناۋادا تور «قورال-ياراق شىركىتى» گە سېتىپ بەرسە، بىر يوچۇقنىڭ قىممىتى نەچچە ئون مىڭ دوللارغا يېتىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
17-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈزىگە نىقاب كېيىۋالغان فرانسىيەلىك ياشلار 1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى پارىژ كوچىلىرىغا چىقىپ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسىتىپ، نۆۋەتتە تۈزۈلىۋاتقان ئەمگەك قانۇن ئىسلاھات...
02-05-2016
    بۇلتۇر، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدا 2 نەپەر 14 ياشلىق ئۆسمۈر دېڭىزغا چىققاندا يوقاپ كەتكەن ئىدى. يېقىندا، ئۇلار ئولتۇرغان كېمە بايقالدى، كېمىدە ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ iPhone 6 يانفونى بار ئىدى. ئالما شىركىتى بۇ iPhone 6 يانفو...
02-05-2016
   يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «2016-يىللىق زور سانلىق مەلۇمات كەسپى يىغىنى»دا، سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت كەسپى بۆلىمىنىڭ باشلىقى شىيې شاۋفېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر زور سانلىق مەلۇمات كە...
02-05-2016
    مىلا يوۋوۋىچ، شون روبېرتىس قاتارلىقلار باش رول ئالىدىغان «بىئو-خىمىيە كىرىزىسى» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ ئالتىنچىسى ياپونىيەدە ئەڭ بۇرۇن قويۇلىدۇ. ھازىر فىلىمنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيەدە قويىلىدىغانلىقىنى بېكىتى...
02-05-2016
2016-يىلى 1-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13:30 دا، جۇڭگو ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسى 7-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 1-1 نەتىجە بىلەن ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن. مۇسابىقىنىڭ 69-م...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار پۇل مۇئامىلە ساھاسىدىكى بىر قانچە كىشىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك قاتلىمى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى بازار كۈچىنىڭ جۇڭگو پاي بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ...
01-05-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، كېنىيە پايتەختى نايروبىدا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئامان قالغانلارنى ئىزدىمەكتە. شۇ جاي ۋاقتى 29-ئاپرېل كەچتە تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر ياغقان ھەمدە قىسمەن جايلاردا كەلكۈن كەلگەن بولۇپ،  ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈ...
01-05-2016
    ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما نۆۋەتتە سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، iPhone 7 بىلەن iPhone 7 Plus تۇنجى نۇسخىدىكى سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارغا ئىگە ئالما يان تېلېفونىغا ئايلىنىدىك...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى 97 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى (چوڭ قۇرۇقلۇقتىن 65 نەپەر، تەيۋەندىن 32 نەپەر) جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن جۇڭگو خ ج ئورگانلىرى تەرىپىدىن مالايسىيادىن دۆلەتكە قايتۇرۇپ...
30-04-2016
    نۆۋەتتە جۇڭگو 10 نەچچە دۆلەتكە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن جۇڭگو ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تىپى «چاقماق» تىپىدىكى ئايروپىلان...
Powered by Leglek