گىرېتسىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىنىڭ نەتىجىسىدە، %60 تىن ئارتۇق خەلق خەلقئارا قەرز ئىگىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش كېلىشىمىگە ياق دېدى.گىرېتسىيە ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقامدۇ؟ جاۋابى بىرلا: يەنى تەس!
گىرېتسىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىدا ئىقتىسادى ھىساباتقىلا قاراشقا بولمايدۇ؛گىرېتسىيەنى ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشقا قىستاش، قىستىماسلىقتا، بيرۇسسېلنىڭ ئىقتىسادنىلا ئويلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى خارابىلىك ئۈستىدە باشلانغان، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇرۇش ئاپىتىدىن ساقلىنىشتىكى ئورتاق ئارزۇسىنى چىقىش قىلغان.ياۋرو رايونى قۇرۇلغان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا مۇرەسسە قىلىش-ياۋروپا بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ مەنىۋى ئاساسى بولۇپ كەلدى.
شۇنداق بولغاچقا، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى پات پات توختاپ قېلىپ بەزىدە يامان تەرەپكىمۇ مېڭىپ قالدى، «ئىدراكى مۇرەسسە قىلىش»قا تايىنىپ شۇنچە كەسكىن بولغان مەنپەئەت جەھەتتىكى ئىختىلاپلارنىمۇ تۈگەتتى.
دەرۋەقە، ئىقتىسادى قاتلامدىن قارىغاندا، گىرېتسىيەنىڭ ۋەيران بولۇشى ھەتتا ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئىقتىسادى ئاپەت پەيدا قىلىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس. گىرېتسىيە ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى ياۋرو رايونى ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاران %2 نى ئىگىلەيدۇ، تەھدىت شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق « ئېغىر قەرزگە بوغۇلغان دۆلەتلەر»نىڭ مالىيە ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، گىرېتسىيەنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاس پەيدا قىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى قۇدرەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇداپىئە سېپىلى قۇردى، مىقدارلاشتۇرۇشنى قويۇۋېتىش، چەكلىمىسىز ئاكسىيە سېتىۋېلىش قاتارلىق سىياسەت قوراللىرىغا تايىنىپ گىرېتسىيە كىرزىسىنىڭ تاشقى تەسىرىنى كونترول قىلغۇدەك ئىقتىدار ھازىرلىدى.
لېكىن سىياسىي قاتلامدىن قارىغاندا، مەيلى ياۋرو رايونى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسۇن، دەسلەپكى لايىھە رامكىسىدا، چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىدىن ئىبارەت بۇ ماددا ئەسلا يوق ئىدى. گىرېتسىيە چېكىنىپ چىققان ھامان، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدا تۇنجى قېتىم زور چېكىنىش بولىدىغانلىقى ھەم ياۋروپانىڭ روھىي ئاساسىي بولغان مۇرەسسەچىلىكنىڭ تەۋرىنىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەلقئارا كۈچلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان ياۋروپاغا بولغان ئىشىنىش دەرىجىسى ۋە پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسى قاتتىق گۇمان قوزغايدۇ. بۇ-ياۋروپاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەرداشلىق بېرىش تېخىمۇ تەس ئىش بولۇشى مۇمكىن.
تارىخقا قارايدىغان بولساق، 18-ئەسىردىكى مەرىپەتچىلىك دەۋرىدىلا بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى تەسەۋۋۇرى بىخلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە 19 ئەزاسى بار ياۋرو رايونى ۋە 28 ئەزاسى بار ياۋروپا ئىتتىپاقى بارلىققا كەلگەن؛ كەسىپ ئىتتىپاقى، سودا ئىتتىپاقى ۋە پۇل ئىتتىپاقىدىن چېگرىنى ئېچىۋېتىش، ئادەملەرنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، ئورتاق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تۈزۈش ھەم سىرتقا ئوخشاش سادانى ئىپادىلەشكىچە تەرەققى قىلغان، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ سىنىقى دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ ئۇلۇغ مۇساپىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە، ئوڭۇشسىزلىق ۋە توختاپ قېلىشنىڭ ئارىلاپ-ئارىلاپ پەيدا بولغانلىقى، گۇماننىڭ ئەزەلدىن توختاپ قالمىغانلىقىنى بايقىيالىشىمىز تەس ئەمەس. «ياۋروپا ئاساسىي قانۇن شەرتنامىسى» 2005-يىلى فىرانسىيە ۋە گوللاندىيەدە ئومۇمىي خەلقئارا ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا ئىنكار قىلىندى؛ ياۋروپانىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى دېيىلگەن «لىسبون شەرتنامىسى» 2008-يىلى ئىرىلاندىيەدە ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا ئىنكار قىلىندى. لېكىن بۇلار ئەينى چاغدا قارىماققا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىق ۋە توختاپ قىلىشتەك كۆرۈنۈپ، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى.
ياۋروپا سىياسىيسىنى پىششىق بىلىدىغان ئەربابلارنىڭ بۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىراتى بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئەگەر كەسكىن تالاش-تارتىشنى ياۋروپا سىياسىيسىنىڭ بىر دائىملىق ئەھۋالى دېسەك، ئۇنداقتا ئاقىلانە مۇرەسسە ياۋروپا سىياسىيسىنىڭ بىر تۈپ خىسلىتى ئىدى. كەسكىن تالاش-تارتىش تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلسا، ئاقىلانە مۇرەسسە ئىككى تەرەپنىڭ ۋاز كېچەلمەيدىغان مۇتلەق مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ياۋروپا مۇرەسسە روھىنى داۋاملىق ساقلىسىلا، مەيلى گىرېتسىيە قەرز داۋالغۇشى قانچىلىك خەتەرلىك، تالاش-تارتىش قانچىلىك كەسكىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، گىرېتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بەك چوڭ ئەمەس. مەيلى ئافىنا، مەيلى بىريۇسسېل بولسۇن، قارشى تەرەپكە ياق دېيىشى ئاسان، چېكىنىپ چىقىمەن دېيىشى تەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved