تۆت چوڭ سودا بانكىسىغا ھەمىشە ئادەت بويىچە ‹ باي غوجام›، ‹ مونوپولچى› دېگەن ماركىلار چاپلىندۇ. بۇ قېتىم بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، تۆت چوڭ بانكا قولاي چىقىمدانى‹ 快捷支付›غا قارىتىلغان چىقىم چەكلىمىسىنى تۆۋەنلەتتى.
بۇ زادى قانداق قىلىق؟ بانكىمۇ ياكى پۇل گۆھىرىمۇ، زادى كىم مونوپولچى؟
3 -ئاينىڭ 22- كۈنى، قۇرۇلۇش بانكىسى قولاي چىقمدانىنىڭ يەككە تالون چىقىم چەكلىمىسىنى بەش مىڭغا تۆۋەنلەتتى، ئايلىق قوشۇلمىسىنى بەش تۈمەنگە تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن سودا - سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگۇ بانكىسى، قۇرلۇش بانكىسى قاتارلىق تۆت چوڭ بانكىنىڭ ھەممىسى قولاي چىقىمدانىنىڭ چىقىم قىلىش چېكىنى قىستى، سودا - سانائەت بانكىسى تىخى بىر قانچىلىغان چىقىم قىلىش ئىغىزلىرىنى بىر قىلىپ جېجىياڭغا يىغدى. 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئالى بابا گورۇھىنىڭ رەئىسى مايۈن ئەپەندىم ‹ سىزنى مەغلۇپ قىلىدىغىنى پەقەتلا بىر ھۆججەت› ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر پارچە ‹ پۇل گۆھىرى، چىدغىن › ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئېنتىرنىت پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە غۇلغۇلا يۈز بەردى.
بۇ غۇلغۇلنىڭ ئاساسلىق مەركىزى ئېددىيسسى يۆتكىلىشچان پۇل تۆلەشتىن ئبارەت. 2013 - يىلى ئۈچۈنچى تەرەپ يۆتكىلىشچان پۇل تۆلەش بازىرىدا، پۇل گۆھىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪69.6بولغان. كۆرمىسەك بىلمەيمىز، كۆرسەك چۆچۈپ كېتىمىز. پۇل گۆھىرىنىڭ ئۆزىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، 2013 - يىلى پۇل گۆھىرىنىڭ تېلېفۇن ئارقىلىق قىلغان سودىسى 900 مىلىيارد بولغانلىقىنى، ئاللىبۇرۇن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يۆتكىلىشچان پۇل تۆلەش شىركىتىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مونتسكىيۇ مۇنداق دېگەن: سودا بار رايوندا، گۈزەل ئەخلاقمۇ بار. خايكىنىڭ قارىشچە، سودا ئەڭ چوڭ ئورتاق مەنپەئەت. بىز ئالى بابانىڭ بۇرۇن ئىلغار شىركەت ئىكەنلىكىنى، پۇل گۆھىرنىڭمۇ بۇرن ئىلغار بىر مەھسۇلات بولغانلىقىنى، مايۈننىڭمۇ مۇنەۋۋەر سودىگەر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز. بىزنىڭ ئۇلاردىن گۇمان قىلدىغىنىمىز، مەنپەئەتسىز كۈرەش قىلىشدىن ئەخلاقىنىڭ پاكىز ئەمەسلىكىنى، ئەكىسچە تەسىر قىلىش كۈچى چوڭ شىركەت شەخىسلەر تۇرۇپ، يارقىن سىرتقى قىياپەتلىرنىڭ بولغانلىقىدۇر.
تىخمۇ بۇرۇنقى ۋاقتىلاردا مايۈن ۋە ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ئاكتىپ سىرتىقى قىياپەت، بەلكى ھازىرچۇ، پاسسىپ سىرتقى قىياپىتى تىخىمۇ چوڭايدى. شىې پىڭ پروفېسور ئېنتىرنىت پۇل مۇئامىلسىنىڭ نازارەت قىلنىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئالاھىدىكىنى مۇنازىر قىلغاندا، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، ‹ ئەگەر ئېنتىرنىت پۇل مۇئامىلىسدىن چاتاق چىقىپلا قالسا، چېتىلدىغان ئادەملەر سانىدىن مۆلچەرلىگەندە، جەمئىيەتكە ئېلىپ كىلىدىغان پاسسىپ تەسىرى بەك چوڭ›. شۇڭا بۇ تەرەپ بىز ھەممەيلەننىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ بىقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
تەرجىمىدە: ئوسمان
ئاپتۇر: دوڭ شى لې، بانكا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، جۇڭگۇ خەلق ئۇنۋىرسىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە سىنا ئىقتىساد قانلىدىن تەرجىمە قىلىندى، ھېچكىمنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا رۇخسەت يوق، لەگلەك تورىغا مەنسۇب.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved