جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-ماي تېلېگراممىسى: «مەركەز ئاگېنتلىقى»نىڭ 29-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندا تومۇز ئىسسىق سەۋەبىدىن بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتا 1700گە يېقىن ئادەم قازا قىلغان، دوختۇرخانىلار بىمارلار بىلەن لىق تولغان، دوختۇرلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن.
ھىندىستاندا ھەر يىلى يازدا تومۇز ئىسسىق تۈپەيلى نەچچە يۈز ئادەم قازا قىلىدۇ، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات ئامما، بىراق، ھۆكۈمەت تەرەپ 28-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل تومۇز ئىسسىقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1677گە چىقىپ، 1995-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت بولۇپ قالغان.
جەنۇبتىكى ئاندرا ئۆلكىسىدە تېمپېراتۇرا 47 سېلىتسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر جايغا ئايلانغان، بۇ ئۆلكىدە 18-مايدىن بۇيان جەمئىي 1334 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، بۇ سان بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. دوختۇرلارمۇ ئىشلىگەندىن بۇيان بۇنچىۋالا كۆپ ئاغرىقنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved