گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فوندىرىئىن تۈنۈگۈن، گېرمانىيە ئىراققا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشتىن باشقا جانغا زامىن بولمايدىغان ھەربىي جاپدۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بەرمەكچى، دېدى.
ئۇ گېرمانىيەنىڭ كىرىزىس ۋە توقۇنۇش بولىۋاتقان رايوننى قورال ياراق بىلەن تەمىنلىمەسلىك پىرىنسىپىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ پىرىنسىپ ئاستىدا گېرمانىيە ئىراقنى قوغدىنىش ماشىنىسى، قالپاق، ئوق ئۆتمەس كىيىم قاتارلىق جانغا زامىن بولمايدىغان جاپدۇقلار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن، نۆۋەتتە گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر قىسىم كونكرېت مەسىلىلەرنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved