رەسىم مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز
لىۋاننىڭ سۈرىيەگە چىگرىداش ھېزبۇللا كونتىروللىقىدىكى بېكا جىلغا رايونىدا ئادەملىك ماشىنا بومبا ھۇجۇمى ئازكەم تۆت ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەلجەزىرەنىڭ لىۋاندىكى مۇخبىرى ئەھەب ئەل-ئوقۇدىنىڭ دېيىشىچە ،ئۆتكەن شەنبە كەچتە قاتنىشى توسۇلۇپ قالغان ئەل-نەبى ئوسمان يېزىسى يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇمدا،ئۆلگەنلەرنىڭ قاتارىدا ھېزبۇللاھنىڭ يەرلىك رەھبىرى ئابدۇراھمان ئەل-قازى بار ئىكەن.
لىۋان بىخەتەرلىك مەركىزى بىر ئەلجەزىرە مۇخبىرىغا مۇنداق خەۋەر بەردى:<بۇ قېتىملىق پارتىلاش ئۆزى قۇشۇپ ئۆلتۈرۋالغۇچى تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان.ھېزبۇللاھنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلەتتى ھەم ماشىنىنى توختاتماقچى بولغاندا ھۇجۇمچى ماشىنىنى پارتىلاتقان>
ھېزبۇللاھنىڭ سۇرىيە تۇقۇنۇشىغا ئارلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرىدىغان ،بەلبىك رايونىدىكى نامى چىقمىغان لىۋان ئەھرار ئەل-سۇننە نامىدىكى سۇننىي مۇسۇلمان قوراللىق گۇرۇپ بۇ قېتىملىق ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۈچلۈك <شىئە ھەركىتى> سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئۇرۇشىۋاتقان سۇرىيە پىرىزدىنتى بەشىر ئاسادنى قوللىغىلى سۇرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلغاندىن باشلاپ،شەرقىي لىۋان ۋە جەنۇبى بىيرۇتنى ئىگەللىۋالغان ھېزبۇللاھ نەچچە قېتىم ئەجەللىك ئادەملىك ماشىنا بومبا ياكى قاتتىق زەربىلەرگە ئۇچرىدى.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن،بۇ گۇرۇپ ئۆزىنىڭ مۇشۇ ۋەقەگە مەسئۇللىغىنى تىۋىتتىردا جاكارلىدى.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved