جۇڭگو ئاخبارات تورى 5- فېۋرال تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ‹‹ۋاشىنگتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 5-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئەمەلدارى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي بىلەن ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف (Zarif) نىڭ شۇ جاي ۋاقتى 7-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىندە كۆرۈشۈپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
18- يانۋار ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران جەنۋەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئېلىپ بارغان، بىراق ھازىر ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارى، ئىرانغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا بىر قاتار پىكىر ئىختىلاپى بار.
ئىران ۋە ئىران مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەتنىڭ 2013-يىلى ئىمزالىغان باسقۇچلۇق كېلىشىمىگە ئاساسلانغاندا، ئىران 2014-يىل 20-ئىيۇلدىن بۇرۇن يادرو پىلانى توغرىسىدا مۇرەسسە ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، سۆھبەت ۋاقتى 2015-يىل 30-ئىيۇنغىچە ئۇزارتىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved