«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 30- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 25- يانۋار رۇسىيەنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى خەلقئارالىق ھاۋا بوشلۇقىدا ئامېرىكىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانىغا ياندىشىپ ئۇچقان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانى پەقەتلا 5 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ قويغان. ئامېرىكا تەرەپ رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «خەتەرلىك ھەرىكەت» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى 29- يانۋار:«ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانى قارا دېڭىزنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئادەتتىكىدەك ئۇچۇۋاتقان چاغدا، رۇسىيەنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى <بەكمۇ نائۇستىلىق ۋە خەتەرلىك ھەرىكەت>بىلەن بىزنىڭ ئايروپىلانىمىزنى توسۇۋالدى» دېگەن.
مەزكۇر باياناتچى يەنە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلاننى بوشلۇقتا توسۇۋېلىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن يەنە كېلىپ يۇقىرىقىدەك توسۇۋېلىش ھەرىكىتى بىنورمال قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ:«رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسى بەكمۇ نائۇستىلىق قىلدى، ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانىدىكى ئۇچقۇچىنى ۋە ئۆزىنى خەتەرگە ئىتتىرگىلى تاسلا قالدى» دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved