جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى ناراتقا قىشلىق ساياھەتكە ھەمتۈرتكە بولۇپ، يېرىم باھالىق بىلەتنى يولغا قويدى

    5-فېۋرالدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىگە ئولتۇرغان يولۇچى «كىملىكى ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى»گە تايىنىپ، جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئەزالىرى (كىملىك ۋە ئەزالىق كارتىسى)غا تايىنىپ، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ (ئۈندىدار نومۇرى csairxj) شۇنداقلا گۈزەل نارات ئۈندىدارىغا ئەگىشىۋالسىلا ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ %0 5 ئېتىبارىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

 

  مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ساياھىتىگە ھەمتۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ شىركەت شىنجاڭدىكى بىر ساياھەت مەدەنىيەت شىركىتى بىلەن بىرلىكتە «جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى نارات ساياھىتى»نى يولغا قويغان. بۇ ئېتىبار ياتاق ۋە يېمەك - ئىچمەك تەرەپتىن بولۇپ، ساياھەت سۇس پەسلى، ئادەتتىكى پەسىل، ئاۋات پەسىل دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ياتاق پۇلى ئەڭ ئاز دېگەندە %70 بولۇپ، ئادەتتىكى ۋە ئاۋات پەسىلدە كوللېكتىپ باھا ئېتىبارىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. يېمەك - ئىچمەكتە ئەڭ تۆۋەن دېگەندە %80ئېتىبارغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ساياھەت رايونىنىڭ بېلىتى 31-مارتتىن بۇرۇن، ناراتقا ساياھەت ۋە يولۇچىلار مۇلازىمەت مەركىزىگە تىزىملاتقاندىن كېيىن، كېيىن ناراتقا يەنە بارسا، مۇلازىمەت مەركىزىدىن نارات يايلىقىنىڭ يېرىم باھالىق بېلىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

 

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ناراتقا ئۇچىدىغان ئايروپىلانى ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت بولۇپ،چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى قاتنايدىغان بولۇپ، بېلەت باھاسى باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا 520 يۈەندىن باشلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى غۇلجا لىنىيەسىدە جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى نۆۋەتلىك ئايروپىلان بار بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن ئېتىبار باھاسى %15 بولۇپ، بېلەت باھاسى باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا 220 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
07-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek