يەر شارى تورى 3- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئەنگىلىيە مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ 3- ئاينىڭ 2- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرى كاساتلاشقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئۆتكەن يىل يەر شارىدىكى ئەڭ باي 20 مىليونېرنىڭ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى 70 مىليارد دوللار كېمەيگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەر شارىدىكى ئەڭ باي 20 مىليونېرنىڭ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى ئۆتكەن يىلدىكى 899 مىليارد دوللاردىن 827 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان. يەر شارىدىكى مىليونېرلارنىڭ سانىمۇ 2015- يىلدىكى 1826 دىن 1810 غا چۈشۈپ قالغان. بۇ يېقىنقى يەتتە يىلدىن بۇيان بايلار سانىدا تۇنجى قېتىم ئازىيىش كۆرۈلۈشى ھەمدە 2012- يىلدىن بۇيان يەر شارىدىكى ئەڭ باي 20 مىليونېرنىڭ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئازىيىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved