ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى جەھەتتىكى ئورنى گۇگۇل (ئانا شىركىتى Alphabet) نىڭ كۈچلۈك تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ماركا قىممىتى جەھەتتە، ئالما ئىزچىل شەك-شۈبھىسىز ھالدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كەينىگە تىزىلغان ماركىلار بىلەن بولغان پەرقىمۇ خىلى روشەن ھالدا چوڭ. ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق ماركا باھالاش ئورگىنى Brand Finance بۈگۈن «2016-يىللىق دۇنيادىكى ماركا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 500 كارخانا رەت-تەرتىپى» نى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ 145.918 مىليارد دوللارلىق ماركا قىممىتىگە تايىنىپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئالما شىركىتى بۇ رەت-تەرتىپتە بۇلتۇرمۇ بىرىنچى بولغان ئىكەن. گۇگۇل بولسا 94.184 مىليارد دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، گەرچە بىرىنچى ئورۇندىكى ئالما شىركىتى بىلەن بولغان پەرقى خېلى زور بولسىمۇ، ئەمما گۇگۇلنىڭ بۇ رەت-تەرتىپتىكى ئورنى بۇلتۇرقىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئۆرلىگەن.
ئالما بىلەن گۇگۇلدىن باشقا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ ئالدىنقى ئون كۈچلۈك ماركا ئىچىدىن ئورۇن ئالغان، بۇلتۇر بۇ شىركەت ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن. ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن ماركىلار تەرتىپ بويىچە: ئالما، گۇگۇل، سامسۇڭ، ئامازون، مىكروسوفت، ۋېرىزون، AT&T، ۋولمارت، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ۋە ئامېرىكا WELLS FARGO بانكىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىگەللىنىشىچە، ماركا قىممىتىنى باھالاش ئۆلچىمى مەھسۇلات رىقابەت كۆرسەتكۈچىسى (BSI)، ئىستېمالچىلارنىڭ ماركىغا بولغان سادىقلىق دەرىجىسى ۋە بازار ئېچىش مەبلىغى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. رەت-تەرتىپتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ماركا قىممىتى ئوخشىمىغان تۈردىكى قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئېچىلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، ئالما ماركىسىنىڭ قىممىتى داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved