بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ئالاھىدە ئەۋەتكەن ئۆمىكى 14-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ لىۋىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق خىزمەتچى خادىملىرىنى ۋاقتىنچە چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: 13-ئىيۇل لىۋىيە خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق خادىملىرى پايتەخت تېرىپولى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا قۇراللىق توقۇنۇش قوزغاپ، ئايرودۇرۇم مەجبۇرى تاقالغاندىن كىيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەم بېرىش ئۆمىكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئۆمەك لىۋىيەدە تەكلىپ بېرىش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش مەجبۇرىيتىنى داۋاملىق ئورۇندىيالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. باياناتدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەم بېرىش ئۆمىكى لىۋىيەدىن خىزمەتچى خادىملىرىنى چېكىندۈرىدۇ، بىخەتەرلىك شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندىن كىيىن لىۋىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved